ئالبانىيەلىكلەر «يېزىق كۈنى»مۇناسىۋىتى بىلەن پائالىيەت ئۆتكۈزدى

ماكېدونىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان ماناستىر شەھىرىدە ئالبانلارنىڭ لاتىق يېزىقىنى قوبۇل قىلغانلىقىنىڭ 109 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى.

853201
ئالبانىيەلىكلەر «يېزىق كۈنى»مۇناسىۋىتى بىلەن پائالىيەت ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالبانىيەدە مۇھىم بايراملاردىن ھېسابلىنىدىغان «يېزىق كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ماكېدونىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان ماناستىر شەھىرىدە پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى.

ماناستىر شەھىرىدىكى ئالبان يېزىقى مۇزېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە ماكېدونىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرلىرىدىن ھازبى لىكا ۋە بۇجار ئوسمانى، مەدەنىيەت ئىشلىرى مىنىستىرى روبېرت ئالاگيوزوۋسكى، دېموكراتىيەگە ماسلىشىش ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى ئەلى ئەھمەتى بولۇپ نۇرغۇن ساندا مىنىستىر ۋە رەھبەر ئىشتىراك قىلدى.

دېموكراتىيەگە ماسلىسىش ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى ئەلى ئەھمەتى سۆز قىلىپ 22-نويابىرنىڭ ئالبان مىللىتىگە نىسبەتەن تولىمۇ ئەھمىيەتلىك كۈن ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، بۇ ئەھمىيەتلىك كۈندىن باشلاپ ئالبانىيەنىڭ مۇستەقىللىقىگە ئوخشاش نۇرغۇن مۇھىم ئۆزگىرىشلەرنىڭ ۋۇجۇدقا چىققانلىقىنى ۋە لاتىن يېزىقىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كۈچ چىقارغانلارنىڭ 109 يىل بۇرۇن ئالبانىيە تارىخىغا تولىمۇ قىممەتلىك سوغات تەقدىم قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ماكېدونىيە مەدەنىيەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى باش كاتىپى ۋالمىر ئازىرىمۇ «يېزىق كۈنى«مۇناسىۋىتى بىلەن پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئەينى چاغدا لاتىن يېزىقىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ھەسسە قوشقانلارغا قەرزلىرىنى ئادا قىلىشقا تىرىشىپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

پائالىيەتلەر دائىرىسىدە مۇئاۋىن باش مىنىستىرلاردىن لىكا بىلەن ئوسمانىمۇ باش مىنىستىرلىك ئىدارىسىدە ئالبانىيەلىك مائارىپچىلارنىڭ شەرىپىگە زىياپەت بەردى.

ئالدىنقى كۈنى يەنە لاتىن يېزىقى قوبۇل قىلىنغانلىقىنىڭ 109يىللىقى مۇناسۋىۋىتى بىلەن ماناستىر شەھىرىدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، بۇ يىغىنغا ئالبانىيە پىرېزىدېنتى ئىلىر مەتامۇ  ئىشتىراك قىلدى.

ئالبانىيەدە 1908-يىلى نويابىردا چاقىرىلغان ماناستىر قۇرۇلتىيىدا 36 ھەرپلىك لاتىن يېزىقى قوبۇل قىلىندى ۋە 22-نويابىر كۈنى ئالبانىيە تەرىپىدىن «يېزىق كۈنى» قىلىپ بېكىتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر