سۈرە ئەنكەبۇت ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟ - 41 (ئاۋازلىق)

817078
سۈرە ئەنكەبۇت ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار ئېسىڭلاردا بولسا كېرەك، «قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ ئالدىنقى بۆلىمىدە سىلەرگە سۈرە قەسەسنىڭ نازىل بولغان ۋاقتى، قىسقىچە تارىخىي ئارقا كۆرىنىشىنى ئاڭلاتقان ئىدۇق. بۈگۈنكى بۆلۈمىدە بولسا، سۈرە ئەنكەبۇتنىڭ ئاتىلىشى، نازىل بولغان ۋاقتى ۋە قىسقىچە تارىخىي ئارقا كۆرىنىشىنى ئاڭلىتىمىز.

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

سۈرە ئەنكەبۇت ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

ئاتىلىشى:

سۈرىنىڭ ئىسمى ئۇنىڭ «مَثَلُ الَّذِينَ اتَّخَذُوا مِن دُونِ اللَّهِ أَوْلِيَاء كَمَثَلِ الْعَنكَبُوتِ»«ئاللاھنى قۇيۇپ بۇتلارنى مەبۇد قىلىۋالغانلارنىڭ مىسالى ئۆي ياسىغان ئۆمۈچۈككە ئوخشايدۇ» دېگەن 41 ـ ئايىتىدىن ئېلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ مەنىسى، «ئەنكەبۇت (ئۆمۈچۈك) تىلغا ئېلىنغان سۈرە» دېگەنلىك بولىدۇ.

نازىل بولغان ۋاقتى:

سۈرىنىڭ 52 ـ ئايىتىدىن 60 ـ گىچە بولغان ئايەتلىرىگە نەزەر سالغاندا، ئۇنىڭ ھەبەشىستان ھىجرىتىدىن ئىلگىرى نازىل بولغانلىقىنى ئىنىق ئايدىڭلاشتۇرىۋالغىلى بولىدۇ. مەزمۇنىدىكى ئىچكى ئىشارەتلەرمۇ بۇ نۇقتىنى كۈچلەندۈرىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ئارقا كۆرىنىشىدە شۇ دەۋىر مەنزىرىسى ئەينەن كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ. بەزى مۇپەسسىرلەر سۈرىدە مۇناپىقنىڭ تىلغا ئېلىنغانلىقىنىلا دەلىل قىلغان ئاساستا، «بۇ سۈرىنىڭ دەسلەپكى 10 ئايىتى مەدىنە دەۋرىدە، قالغانلىرى مەككىدە نازىل بولغان، چۇنكى مۇناپىقلار مەدىنە دەۋرىدە ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان» دېگەن قىياسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ھالبۇكى، سۈرىدە بايان قىلىنىۋاتقىنى كۇپپارلارنىڭ ئەشەددى زۇلۇم ـ سېتەملىرىدىن ۋە جىسمانىي قىيىن ـ قىستاقلىرىدىن قورقۇپ مۇناپىقانە يول تۇتۇۋاتقان كېشىلەر بولۇپ، ئىنىقكى بۇ خىلدىكى مۇناپىقلىق مەدىنىدە ئەمەس، بەلكى دەل مەككە دەۋرىدە ئوتتۇرىغا چىققان بولۇشى مۈمكىن.

يەنە بەزى مۇپەسسىرلەر سۈرىدە مۇسۇلمانلارغا ھىجرەت قىلىش تەلقىن قىلىنغانلىقىنى دەلىل قىلىپلا ئۇنى «مەككىنىڭ ئاخىرىقى دەۋرىدە نازىل بولغان ئاخىرىقى سۈرە» دەيدۇ. ھالبۇكى، مۇسۇلمانلار مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشتىن ئىلگىرى ھەبەشىستانغىمۇ ھىجرەت قىلغان ئىدى. قىسقىسى، بۇ بارلىق قىياسلار بىرەر ھەدىس شەرىپكە ئەمەس، بەلكى سۈرىدىكى مەزمۇننىڭ ئىچكى ئىشارەتلىرىگە ئاساسەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئەگەر سۇرىنىڭ پۈتۈن مەزمۇنىنىڭ ئىچكى دەلىللىرىگە ئومومىي يۈزلىۈك نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇنىڭ مەككىنىڭ ئاخىرىقى دەۋرىگە ئەمەس، بەلكى ھەبىشىستانغا قىلىنغان ھىجرەتنىن ئىلگىرى نازىل بولغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.  

**** ** *** *** *****

تارىخىي ئارقا كۆرىنىشىنى ۋە تىماتىك مەزمۇنى:

سۈرىنى ئوقۇپ كېتىۋېتىپ، ئۇنىڭ مۇسۇلمانلار مەككىدە ئېغىر قېيىن - قىستاقلارنى باشتىن كەچۈرىۋاتقان دەۋردە نازىل بولغانلىقىنى ھېس قىلىغىلى بولىدۇ. بۇ دەل كۇپپارلار ئىسلامغا قارشى پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىۋاتقان، ئىمان ئېيتقۇچىلارغا چىدىغۇسىز ئېغىز زۇلۇم ـ سىتەملەرنى سېلىۋاتقان بىر ۋەزىيەت ئىدى. مانا شۇنداق ئەھۋالدا ئاللاھ تائالا بىر تەرەپتىن ئىمانىدا سادىق مۆئمىنلەردە غەيرەت، شىجائەت، مۇستەھكەم ئىرادە پەيدا قىلىش ئۈچۈن ۋە ئىمانىي ئاجىز مۇسۇلمانلارنى نۇمۇس قىلدۈرۈش ئۈچۈن بۇ سۈرىنى نازىل قىلغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتە شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە كۇپپارلارغىمۇ قاتتىق تەھدىت قىلىپ، ھەقكە ئۆچمەنلىك قىلغان كىشىلەرنىڭ ھەر بىر دەۋردە كۆرۈپ كەلگەن ئاقىۋەتلىرىنى ئۆزىگە چاقىرىپ يۈرمەسلىكى لازىملىقىنى تەكىتلەيدۇ. بۇ جەرياندا بىر قىسىم ياشلار دۈچ كېلىۋاتقان سۇئاللارغىمۇ جاۋاپ بېرىلىدۇ. مەسىلەن: كاپىر ئاتا ـ ئانىلار ئۆز پەرزەنلىرىگە بېسىم ئىشلىتىپ: «سىلەر مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم)نى تاشلاپ، بىزنىڭ دىنىمىزدا مەھكەم تۇرۇشىڭلار لازىم. سىلەر ئىمان كەلتۈرگەن قۇرئاندىمۇ ئاتا ـ ئانىنىڭ ھەق - ھوقۇقى قاتتىق تەكىتلىنىپتۇ. ئەجىبا سىلەر ئۆز كىتابىڭلارغا قارشى ئىش قىلامسىلەر؟» دېيىشەتتى. بۇنىڭغا نىسبەتەن سۈرىنىڭ 8 ـ ئايىتىدە ئېنىق جاۋاپ بېرىلىدۇ.

شۇنىڭدەك بەزى قەبىلىلەر يىڭىدىن مۇسۇلمان بولغان كىشىلەرگە: «سىلەرنىڭ ئازاپقا قىلىش ياكى ساۋاپقا ئېرىشىشىڭلار مانا بىزنىڭ ئۈستىمىزدە بولسۇن، سىلەر بۇ ئادەمنى (يەنى، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى) تاشلاڭلار. ناۋادا ئاللاھ سىلەرنى جازىلىماقچى بولۇپ قالسا، مانا بىز ئالدىغا ئۆتۈپ، <بۇلاردا ھېچبىر گۇناھ يوق، بىز ئۇلارنى ئىمان ئېيتىشتىن توسقان ئىدۇق، شۇڭا بىزنى جازالا> دەيمىز» دېيىشەتتى. بۇنىڭغا قارىتا سۈرىنىڭ 12 ـ ۋە 13 ـ ئايەتلىرىدە جاۋاپ بېرىلىدۇ.

بۇ سۈرىدە بايان قىلىنغان قىسسىلەردىمۇ: «ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە قاراڭلار! ئۇلار شۇنچە ئېغىر قېيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرمىدىمۇ؟ قانچە ئۇزۇن زامانلارغىچە توختاۋسىز زۇلۇملارغا ئۇچرىمىدىمۇ؟ ئەمما ئاخىرىدا يەنىلا ئاللاھ تائالانىڭ يارىدىمى يېتىپ كەلمىدىمۇ؟ شۇڭا ئەنسىرەپ كەتمەڭلار. ئاللاھ سىلەرگىمۇ چوقۇم يارىدەم قىلىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر سىناق دەۋرىنى باشتىن كەچۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ» دېگەن مەزمۇن كۆرىنەرلىك ئورۇن تۇتىدۇ. مۇسۇلمانلارغا شۇنداق تەربىيەلەرنى قىلىش بىلەن بىرگە مەككە كۇپپارلىنىمۇ بۇ قىسسىلەر ئارقىلىق ئالاھىدە ئاگاھلاندۈرۈپ: «ئاللاھنىڭ سىلەرنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمىگەنلىكىنى <بىزنى ھەرگىز جازالىمايدۇ> دەپ چۈشىنىۋالماڭلار، ئىلگىرىكى ھالاك قىلىنغان قەۋلەرنىڭ يادىكارلىقلىرى ئالدىڭلاردا تۇرۇپتۇ. شۇنىڭدىن كۆرىۋىلىڭلاركى، ئاخىرى ئاللاھ ئۆز پەيغەمبەرلىرىگە نۇسرەت بېرىپ، كۇپپارلارنى ھالاك قىلماي قويمايدۇ» دېيىلىدۇ.

ئاندىن مۇسۇلمانلارغا يوليورۇق بېرىپ: «ئەگەر زۇلۇم ـ سىتەم سىلەرنىڭ بەرداشلىق بېرىش چىكىڭلاردىن ھالقىپ كەتسە، ئىماننى تاشلاشنىڭ ئورنىغا ئۆيلىرىڭلارنى تاشلاپ چىقىپ كېتىڭلار، ئاللاھنىڭ زېمىنى كەڭرى. قانداقلا يەردە ئاللاھقا ئەركىن ئىبادەت قىلالىساڭلار، شۇ يەرگە كەتسەڭلار بولىدۇ» دېيىلىدۇ.

مانا شۇنداق نەسىھەتلەردىن كىيىنمۇ يەنىلا كۇپپارلارغا چۈشەندۈرۈش بېرىشنى تاشلاپ قويمايدۇ. تەۋھىد ۋە ئاخىرەتنىڭ ھەقىقەتلىرى دەلىللىك ھالدا ئىددىيەلەرگە سىڭدۈرىلىرىدۇ. شېرىكچىلىكنىڭ باتىللىقى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىلىدۇ. كائىناتتىكى ئالامەتلەرگە دىققەت قىلىشقا چاقىرىپ: «بۇ ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىزنىڭ سىلەرگە بېرىۋاتقان تەلىماتىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە» دېيىلىدۇ.

**** ******** ***

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن «قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟» ناملىق پىروگراممىمىزنى مۇشۇ يەردە توختىتىمىز. ئىنشائاللاھ پىروگراممىزنىڭ كېلەر ھەپتىلىك بۆلىمىدە سۈرە رۇمنىڭ ئاتىلىشى، تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى، نازىل بولۇش سەۋەپلىرى ۋە مەزمۇنىنى ئاڭلىتىمىز.

كېلەر ھەپتە يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا دىققىتىڭلار ئاڭلىتىشىمىزدا بولسۇن. خەير خوش.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر