مۆمىن ۋە غاپىل ئاكا – ئۇكا ئوتتۇرىسىدىكى مۇنازىرە

«مۆمىن ۋە غاپىل ئاكا – ئۇكا ئوتتۇرىسىدىكى مۇنازىرە» قىسسىسىنىڭ بىرىنچى بۆلۈمى

800327
مۆمىن ۋە غاپىل ئاكا – ئۇكا ئوتتۇرىسىدىكى مۇنازىرە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئىسرائىل ئوغۇللىرى ئىچىدە بىر تۇغقان ئاكا – ئۇكا بار ئىدى. ئۇلار بىر ئانىنىڭ تەربىيەسىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما بىر پېلەكتە مىڭ خەمەك دېگەندەك، ئۇلارنىڭ خۇي – مىجەزى بىر – بىرىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايتتى.

 بۇ ئىككى قېرىنداشتىن ئاكىسى يەھۇدا ئاللاھ تائالاغا چىن دىلىدىن ئىشىنەتتى. ئۇ، سوغۇققان، تەمكىن ۋە مۇلايىم بولۇپ، ئۆزىنى بۇ دۇنيانىڭ جېدەل – ماجىرالىرىدىن خالىي تۇتاتتى؛ ئىنىسى گۇتلۇس ئاللاھ تائالاغا ئىشەنمەيتتى. ئۇ پىخسىق، كۆزى كىچىك، ئىچىدە ئوغا قاينايدىغان، قوپال ۋە غاپىل بىر نېمە ئىدى.

دادىسى بىر ئۆمۈر مېھنەت قىلىپ، ئۇلار ئۈچۈن بايلىق توپلاپ، تۇرمۇشىنى راھەت ئۆتكۈزىدىغان قىلغانىدى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە دادىسى ئالەمدىن ئۆتسە، ئۇلار پۇل – مالدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، ھەرقايسىسى بۇ پۇل – ماللارغا ئۆزلىرى خالىنغانچە ئىگىدارچىلىق قىلالايتتى.

 يەھۇدا ئاللاھ تائالا غا مۇناجات قىلىپ: «ئى كەرەملىك پەرۋەردىگاردىم، مەن پۇل – ماللىرىمنى سەن رازى بولىدىغان يوللارغا سەرپ قىلىمەن، ساڭا قەتئىي ئىتائەت قىلىمەن، تاقىتىمنىڭ يېتىشىچە قۇللۇق بەجا كەلتۈرۈشكە تىرىشىمەن، قىلغان ئىلتىپاتلىرىڭغا ۋە ئېھسانلىرىڭغا شۈكۈر قىلىپ، سېنىڭ جەننىتىڭگە تەلپۈنىمەن...» دەيتتى، پۇل – ماللىرىنىمۇ كەڭ قوللۇق ۋە سېخىلىق بىلەن خەجلەيتتى، كىم پۇل – مالغا ئېھتىياجلىق بولسا، شۇنىڭغا بېرەتتى، ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىپ، يېتىم – يېسىرلارنىڭ يۈكىنى ئۈستىگە ئالاتتى، تونۇش كىشىلەرگە ھەر جەھەتتىن مەدەت بېرىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا يار – يۆلەك بولاتتى.

ئۇ خەير - ئېھسان قىلىشقا خۇشتار بولغاچقا، پۇل – ماللىرىنى دېگۈدەك سەدىقە قىلىپ تۈگەتكەن بولسىمۇ، ئەمما قورسىقى ئاچ قالمىسىلا بولدى، دەپ يۈرۈۋېرەتتى.

 گۇتلۇس بولسا پۇل – مال ئۈچۈن جان بېرەتتى، بىرەر تىيىننىمۇ بۇزماي يىغىپ توپلاپ، ساندۇققا سېلىپ مەھكەم ساقلايتتى، ھېچكىمگە بىر نەرسە بەرمەيتتى. ئۇ نامراتلار ۋە مىسكىنلەرنىڭ ئاھۇزارىنى ئاڭلاپ تۇرسىمۇ، قۇلىقىنى يوپۇرۇۋالاتتى، غېرىب – غۇرۋالار ۋە بىچارىلەرنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالىغا قاراپمۇ قويمايتتى. ئۇ باي بولغاندىن كېيىن، ئىككى چارباغ سېتىۋېلىپ، ۋاقىتنىڭ تولىسىنى باغلىرىنى پەرۋىش قىلىشقا ئاجراتتى.

ئۇ باغلىرىغا مېۋىلىك دەرەخلەرنى تىكتى، مېۋىلىك دەرەخلەر ھوسۇل بېرىشكە باشلاپ، ئۈزۈم تازا ئوخشىدى. ئۇ ئىككى باغنىڭ ئارىلىقىغا بىر يول سالدى، ئېرىق ئېلىپ سۇ باشلىدى، تۆت ئەتراپىغا خورما دەرىخى تىكتى. ئۇنىڭ نەزىرىدە مەڭگۈلۈك جەننەت يەر يۈزىدە ئاپىرىدە بولغانىدى؛ مۇنبەت يەرلەر، پىشىپ ساڭگىلاپ تۇرغان مېۋىلەر، ئېرىقلاردا كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايدىغان سۈپسۈزۈك سۇلار، پورەكلەپ ئېچىلىپ كەتكەن گۈل – چىمەنلەر، يېقىملىق سايرىشىۋاتقان قۇشلار كىشىنى ئاجايىپ زوقلاندۇراتتى. قىسقىسى، بۇ باغنىڭ گۈزەللىكىنى ئېيتىپ تۈگەتكىلى بولمايتتى.

ئاللاھ تائالا گۇتلۇسنىڭ تاپاۋىتىنى كۆپەيتىپ، پۇل – ماللىرىنى بەرىكەتلىك قىلدى، بالا – چاقىلىرىنى ئاۋۇتۇپ، تۈرلۈك نېمەتلەرنى ئېھسان قىلدى.

لېكىن ئۇ ئاللاھنىڭ بۇ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىشنىڭ ئورنىغا، تازا كۆرەڭلەپ كەتتى. راستىنى ئېيتقاندا، ئۇ بۇ نېمەتلەرنى كىمنىڭ ياراتقانلىقىنى، كىمنىڭ مۇشۇنداق تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى، بۇلارنى ئۇنىڭغا كىم بەرگەنلىكى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ، بۇ نېمەتلەرگە شۈكۈر قىلىپ، ئېتقادىنى مۇستەھكەملىشى، ھەقىقەتنى تونۇپ يېتىپ، تەربىيەتچىسى ئاللاھ تائالا ھەمدۇسانا ئېيتىشى لازىم ئىدى. لېكىن، كۆزلىرىنى غاپللىق پەردىسى توسۇۋالغان بولغاچقا، ئۇ مېھىر – شەپقەتكە ئېرىشىپلا تېخىمۇ ياۋۇزلىشىپ كېتىدىغان، بەخت - سائادەت بىلەن كۆزلىرى پەردىلىنىپ قالىدىغان، ئاخىر شۇم قىسمەتكە قېلىپ، ھەممىدىن مەھرۇم بولۇپ قالىدىغان ئادەملەر قاتارىغا كىرىپ قالغانىدى.

ئاللاھ تائالا گۇتلۇسقا مېھىر - شەپقەت قىلغانسېرى ئۇ ئاللاھقا تېخىمۇ ئىشەنمەيدىغان، تېخىمۇ شەپقەتسىز، رەھىمسىز بولۇپ كەتتى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر