ئانادولۇ مەدەنىيەت بايرىمى باشلىدى

ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا بۇ يىل 11 – قېتىملىقى ئۆتكۈزۈلگەن «ئانادولۇ مەدەنىيەت بايرىمى» باشلىدى.

731765
ئانادولۇ مەدەنىيەت بايرىمى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بايرام دائىرىسىدىكى پائالىيەتتە مەھتەر گۇرۇپپىسى ھاجىۋات – قاراكۆز ئويۇنلىرى، ياغلىق چېلىشىش مۇسابىقىسى، ئەنئەنىۋى تۈرك تائاملىرى ۋە كىيىم – كېچەكلىرى ئارقىلىق ئانادولۇ مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

سۈلەيمانىييە مەدەنىيەت مەركىزى بىلەن ئانادولۇ توپلۇق جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان پائالىيەت 15 – مايغىچە داۋاملىشىدۇ.

تۈرك ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئاساسىي چىقىمىنى ئۈستىگە ئالغان پائالىيەتنىڭ ماددىي جەھەتتىن قوللىغۇچىلىرى ئارىسىدا TRT مۇ بار.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر