«ئۇيغۇر يىلنامىسى» ناملىق چوڭ ھەجىملىك ئەسەر يورۇق كۆردى

ئۇيغۇر زىيالىيسى مەمەتتۇرسۇن زۇنۇن ئوقيا ئەپەندىنىڭ «ئۇيغۇر يىلنامىسى» ناملىق چوڭ ھەجىملىك ئەسىرى «لوندون ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى» تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى.

677153
«ئۇيغۇر يىلنامىسى» ناملىق چوڭ ھەجىملىك ئەسەر يورۇق كۆردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ئۇيغۇر يىلنامىسى» ناملىق چوڭ ھەجىملىك ئەسەرنىڭ نەشر قىلىنغانلىقىدىن سۆيۈنگەنلىكىنى ئىپادىلىگەن بەزى ئوقۇرمەنلەر، ئىزدىنىش روھىغا باي ياش تەتقىقاتچى مەمەتتۇرسۇن زۇنۇن ئوقيانىڭ «ئۇيغۇر يىلنامىسى» ناملىق ئەسىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر تارىخىدىكى بىر بوشلۇقنى تولدۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ياش تەتقىقاتچى مەمەتتۇرسۇن زۇنۇن ئوقيا ئەسىرىنىڭ مۇقەددىمىسىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ كونا دەۋرلىرىدىن تارتىپ تاكى 1985 – يىلىغىچە بولغان تارىخىي ۋەقەلەر سىغدۇرۇلغان 912 بەتلىك چوڭ ھەجىملىك ئەسىرىنىڭ يورۇق كۆرۈشكىچە بولغان جەريانى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ (كىتابنىڭ كىرىش سۆزى قىسمەن قىسقارتىپ ئەينەن بېرىلدى):

Uygur Yılnamesi«قولىڭىزدىكى بۇ يىلنامىنى رەتلەپ، سىستېمىلاشتۇرۇپ، مەنتىقىلىق، باغلىنىشچان بىر پۈتۈن ئەسەر شەكلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن سىڭدۈرگەن ئەقلى، جىسمانىي ۋە مەنىۋى ئەجرىمدىن سىرت، يەنە ھاياتىمدىكى ئىزدىنىش ۋە خىرىس بىلەن توشقان قىممەتلىك 12 يىل ۋاقتىم كېتىپتۇ... يىلنامىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈتكىنىمدىن كۆپرەك ئەمگەك سىڭدۈرۈشكە توغرا كەلدى. تېپىلىش مۇمكىنچىلىكى بولغان بارلىق تارىخى يازمىلارنى ئېرىنمەي تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىش، مۇناسىۋەتلىك تارىخى ۋەقەلەرنى توپلاش، تەپسىلىي خاتىرە قالدۇرۇش، سېلىشتۇرۇش، تەرتىپلەشتۈرۈپ تىزىپ چىقىش ئارقىلىق كىتاب ھالىتىگە كەلتۈرۈشتىن باشقا، ئىككىنچى باسقۇچتا مۇناسىۋەتلىك شەخسلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنىڭ تەنقىدىي ۋە ئاقىلانە پىكىرلىرىدىن مەنپەئەتلەندىم.»

 «كۆرۈپ تۇرۇپسىز كۆپ ئەجىر بەدىلىگە، مەزكۇر يىلنامىغا تۇتۇش قىلغاندىن بىرى 12 يىللىق جاپالىق ئىزدىشىم ۋە تىرىشىشنىڭ مول ھوسۇلى سۈپىتىدە بۇ كىتاب ئاخىرى ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈش شەرىپىگە ئېرىشتى. ئەسەرنىڭ مەزمۇنى كىتابقا ئىشلىتىلگەن پايدىلىنىش ماتېرىيالىنى ئوقۇش جەريانىدا يېزىپ قالدۇرغان تارىخىي ۋەقەلەرگە مۇناسىۋەتلىك يىل، ئاي، كۈنلەرنى ئاساسى قىلغان ھالدا تۈزۈپ چېقىلدى . كىتابتا تىلغا ئېلىنغان ۋەقە-ھادىسىلەرنى بايان قىلىش ئامال بار ئۇشبۇ ۋەقە تىلغا ئېلىنغان كىتاب ۋە ماقالىلەردىكى ئۇشبۇ بايانلارنى ئۆز پېتى ياكى شۇنى چۆرىدىگەن ئاساستا ئەدەبىي تەسۋىرلەر قىسقارتىلىپ ئېلىندى.»

«ئۇشبۇ يىلنامىنى قولۇمدا مەۋجۇت ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ، چامىمنىڭ يېتىشىچە مەزكۇر يىلنامىدە تىلغا ئېلىنغان ۋەقە-ھادىسىلەر پايدىلانمىلاردا تىلغا ئېلىنغان ماقالە-كىتابلاردا خاتىرىلەنگەن ئەڭ بۇرۇنقى ئۆتمۈشتىن باشلاپ 1985- يىلىغىچە بولغان تارىخىي ۋەقەلەرنى ئاساس قىلغان بولۇپ، 1985-يىلدىن كېيىنكى جەريان ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپرەك ئىزدىنىشىمگە ۋە يامان كۆپ ماتېرىيال كۆرۈشۈمگە توغرا كەلگەنلىكتىن چامىمنىڭ يېتىشىچە بولغان 1985- يىلىغىچە يېزىشقا مۇۋەپپەق بولدۇم.

بىر مىللەتنىڭ تارىخى يىلنامىسىنى يېزىپ چېقىش قوپۇپلا يازغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس ئىكەنلىكىنى كىتابنى يېزىپ مەلۇم قىسمىغا كەلگەندىلا ئاندىن ھېس قىلدىم. مۇرەككەپ تارىخىي ۋەقەلەر بىر بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ ئوخشاش بولمىغان تارىخچىلار، تەتقىقاتچىلار ۋە ئەدىبلەر ئوخشاش ۋەقە-ھادىسىلەرنى ئوخشىمىغان يىللاردا بايان قىلغان بولۇپ بەزى ۋەقە- ھادىسىلەرنىڭ ئورتاق قوبۇل قىلغان يىلىنى تېپىش ئاسانغا چۈشمىدى، بۇنىڭ ئۈچۈن خەنزۇچە، ئىنگلىزچە ۋە تۈركچە كىتابلارنى كۆرۈشكە توغرا كەلدى. ناھايىتى ئاز ساندىكى بەزى ۋەقەلەر ئىككى يىلدا تەكرار ئېلىندى.

يىلنامە ئۈچۈن پايدىلانغان ئەسەرلەر ئاساسەن مەتبۇئاتلىرىمىزدا ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ تىلىدا نەشر قىلىنغان كىتاب ماقالىلەر بولۇپ، مۇئەللىپلىرى كۆزگە كۆرۈنگەن زىيالىيلار، تارىخچىلار بىلەن تارىخى شەخسلەر بولۇپ، بەزىلىرى مەلۇم تارىخىي دەۋر ياكى مەلۇم تارىخىي ساھەلەرنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى ۋە ياكى شۇ ۋەقە-ھادىسىلەرنىڭ تىرىك شاھىدلىرى بولۇپ يىلنامە ئۈچۈن بىرىنچى قول ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەپ بەردى.

كىتابتا بايان قىلىنغان ۋەقە-ھادىسىلەر مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى ئۇشبۇ ۋەقە-ھادىسە ئاخىرىغا تىرناق ئىچىدە بېرىلدى. پۈتۈن يىلنامە باشتىن-ئاخىر ئاپتورلارنىڭ بايانلىرىنى مەركەز قىلغان بولۇپ، ۋەقە-ھادىسىلەر مۇمكىنقەدەر مەزكۇر ئاپتورنىڭ ئۆز پىكىر ئۇسلۇبلىرىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا يېزىلدى.

ئۇيغۇر يىلنامىسى بۇندىن بۇرۇن بۇ كۆلەمدە يېزىلىپ باقمىغانلىقى ئۈچۈن، يىلنامە دائىرىسى ھەققىدە چەكلىمىلەرنىڭ دائىرىسى ئېنىق بەلگىلەنمىگەن، بېرىلگەن مەزمۇنلار ئۆزۈمنىڭ قاراشلىرى ۋە يىلنامە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئوقۇغان بەزى كىتابلارنى چىقىش قىلغانلىقىم ئۈچۈن ئۆزۈم يىلنامىدە بولۇشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان مەزمۇنلار يىلنامىدىن ھالقىپ قوشۇمچە سۈپىتىدە بېرىلدى. قوشۇمچىلار جەمئىي 60 ئەتراپىدا بولۇپ بىۋاسىتە ئۇيغۇرلار تارىخىي بىلەن مۇناسىۋەتلىك تارىخىي شەخسلەر، تارىخىي ۋەقەلەر، تارىخىي كېلىشىملەر، قوشنا ئەللەرنىڭ تارىخىي شەخسلىرى، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش دىۋىزىيەسى، ۋىلايەت، ناھىيە، شەھەرلەر ئۇچۇرلىرى، ئۇيغۇرلار تارىخىدا ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدىغان شەخسلەر، ۋەقە ۋە ھادىسىلەر كاتېگورىيەلەشتۈرۈلۈپ بېرىلدى.

يىلنامىنىڭ قوشۇمچىلىرىدا يەنە ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ يېتۈك نامايەندىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى خەزىنىسى سۈپىتىدە ئەسىرلەر بويىچە بېرىلىش بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلارنىڭ  20 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى 40 يىللىق نەشرىيات تارىخىدىكى قىسمەن كىتابلارنىڭ ئاپتورلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇناسىۋەتلىك نەشر ئۇچۇرلىرى بېرىلدى.

مەزكۇر كىتابنى تۈزۈش جەريانىدا توپلاپ رەتلىگەن بىر قىسىم تارىخى شەخسلەرنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى ۋە كىچىككىنە تارىخ لۇغىتىمۇ قوشۇمچە قىلىپ بېرىلگەن بولۇپ، يىلنامىدا تىلغا ئېلىنغان تارىخىي شەخس ۋە تارىخ ئاتالغۇلىرىنىڭ تېخىمۇ چۈشىنىشلىك بولۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ دەپ قارايمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن تارىخچىلار ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىممەتلىك پىكىر بېرىشىنى ۋە شۇ ئارىلىق تېخىمۇ تولۇق تارىخ لۇغىتىنىڭ روياپقا چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەزكۇر يىلنامە كەڭ ئۇيغۇرلارنى، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر تارىخىغا قىزىققۇچىلارنى چىقىش قىلىپ يېزىلدى. كىتاب كۆپ مەنبەلىك ئەسەر بولۇش سۈپىتى بىلەن بىرگە، بۇ بىر ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىسىدۇر. مەزكۇر كىتاب ھەر قايسى ساھە ۋە كەڭ كىتابخانلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئاممىباب تىلدا بايان قىلىنغان ئۇنىۋېرسال خاراكتېردىكى پايدىلانما ئەسەر بولۇش بىلەنلا قالماي، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇئەييەن تارىخىي ۋە شۇنى چۆرىدىگەن ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ھادىسىلىرىنىڭ يىغىندىسى بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھە ۋە ئورۇنلىرىدىكى كەڭ ئاممىغا باب بىر ئەسەردۇر.

كىتابخانلارنىڭ تىلغا ئېلىنغان ۋە بايان قىلىنغان ۋەقە-ھادىسىلەرگە قارىتا ئىلمىي نۇقتىدا تۇرۇپ، تارىخىي ۋەقەلەردىكى رېئاللىقلارنى چىقىش قىلىپ، شۇ دەۋر ۋە شۇ ۋەقەلەرنى بايان قىلغۇچىلارنىڭ مەۋقەسىنى دەڭسەپ ئەقلىي پوزىتسىيەدە تۇرۇپ پايدىلىنىشى ئۈمىد قىلىمەن.

مەزكۇر يىلنامە 2004- يىلىنىڭ باشلىرى قولغا ئېلىنغان بولۇپ، 2016- يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تۈگىتىشكە مۇۋەپپەق بولدۇم. كىتاب يېزىلىپ نەشرگە تەييار بولۇش جەريانىدا ماڭا ھەرقايسى جەھەتلەردە ياردەملەردە بولغان دوستلىرىمغا رەھمىتىمنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە كىتابنى باشتىن ئاخىرى ئېرىنمەي كۆرۈپ، قىممەتلىك پىكىرلىرىنى ۋە ئىلمىي قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كىتابنىڭ تېخىمۇ ئىلمىي روياپقا چىقىشىغا ياردەم قىلغان دوكتور ئامىر سەيدۇللا ئەپەندىگە كۆپ تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن.»

 

مەمەتتۇرسۇن زۇنۇن ئوقيا كىم؟

 

مەمەتتۇرسۇن زۇنۇن 1969 - يىلى 1 - ئايدا قەشقەردە تۇغۇلغان.

1986 - يىلى قەشقەر ئۇيغۇر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى چەتئەل تىلى فاكۇلتېتىنىڭ ئىنگلىز تىلى كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان.  1991 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن.

1994- يىلى 9- ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى چەتئەل تىلى فاكۇلتېتىنىڭ رۇس تىلى كۇرسىغا بىلىم ئاشۇرۇش ئۈچۈن بارغان.

1995 - يىلى «قىسقىچە ئىنگلىز تىلى گىرامماتىكىسى » دېگەن كىتابى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.

1996 - يىلى رۇس تىلى ئوقۇشنى تاماملاپ قەشقەرگە قايتقان.

1996 - يىلى 11- ئايدا ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى چەتئەل تىلى فاكۇلتېتىنىڭ تۈرك تىلى كۇرسىغا ئوقۇشقا كىرگەن.

 1997 - 2000  - يىلىغىچە تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىنگلىز تىلى ئوقۇتۇش كەسپىدە  ۋە مەرمەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا خەلقئارا مۇناسىۋەت كەسپىدە ئاسپىرانتلىق ئوقۇغان.

2000 - يىلى  11- ئايدا ئەنگلىيەگە كەلگەن.

 2002 - 2006  - يىللىرى ئارىسىدا  لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى شەرق ۋە ئافرىقا تەتقىقات ئىنستىتۇتىدا بىر نەچچە  مەۋسۇم تىل تەتقىقات تېخنىكلىرى’ ۋە ‘خەتەر ئاستىدىكى تىللار’ ھەققىدە پىروفېسسور ياردەمچىسى بولۇپ ئۇيغۇر تىلىدىن دەرس بەرگەن.

2012 - يىلى « «قۇتادغۇ بىلىك» ئىندېكسى» دېگەن كىتابى نەشر قىلىنغان.

2013 - يىلى ئامىر سەيدۇللا ئەپەندى تەرجىمە قىلغان « ئىسمائىلىيە مەزھىپىنىڭ قىسقىچە تارىخى» دېگەن كىتابنىڭ تەھرىرلىكىنى قىلغان.

2007- يىلدىن بېرى ئەنگلىيەدە قۇرۇلغان «ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى»دا قوشۇمچە ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە.

 ئۇنىڭ «تۈرك تىلى قوللانمىسى» دېگەن كىتابى نەشردىن چىقىش ئالدىدا تۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر