قاتاردا تۈرك مەكتىپى ئېچىلدى

قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا دوھا ئەلچىخانىسى تۈرك مەكتىپى ئېچىلدى.

673129
قاتاردا تۈرك مەكتىپى ئېچىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتاردا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ يوليۇرۇقى بىلەن بەرپا قىلىنغان دوھا ئەلچىخانىسى تۈرك مەكتىپى، جۇمھۇر رەئىسلىك ئىدارىسى مۇئاۋىن باش كاتىپى ۋە باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن تەرىپىدىن ئېچىلدى.

جۇمھۇر رەئىسلىك ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئىبراھىم كالىن مۇنۇلارنى دېگەن: «تۈرك-قاتار مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشتە رول ئوينايدىغان بۇ لايىھە، مۇناسىۋەتلىرىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، قاتاردا ياشاۋاتقان پۇقرالىرىمىز ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرىنىڭ پەرزەنتلىرىگە خىزمەت قىلىدۇ.»

ئىككى يىلدا سېلىنغان 250 كىشىلىك بۇ مەكتەپتە، چەت ئەل تىلى ئېغىر سالماقنى ئىگەلەيدىغان بولۇپ،  تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىقى دەرسلىكىگە ئاساسەن تەلىم-تەربىيە بېرىلىدۇ.

جەمئىي 10مىڭ كۇۋدرات مېتىر كۆلەمگە ئىگە بۇ مەكتەپتە، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تەلىم ئالىدۇ.

مەكتەپتە تەنتەربىيە زاللىرى ۋە مەيدانلىرى،  كۇتۇپخانا ۋە  تەجرىبەخانا بار.

يېپىق ساھەسى 2500 كۇۋدرات مېتىر كېلىدىغان مەكتەپتە 15 ئوقۇتقۇچى ۋە 2 مەمۇر بولۇپ جەمئىي 22 كىشى ئىشلەيدۇ.

تاۋ قۇرۇلۇش شىركىتى ھامىيلىقىدا بەرپا قىلىنغان بۇ مەكتەپكە 20 مىليون تۈرك لىراسى سەرپ قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇلتۇر ئۆكتەبىردە ئوقۇ-ئوقۇتۇش باشلىغان بۇ مەكتەپ، تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق  بولۇپ،  قاتار مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مائارىپ ئۆلچەملىرىگە ئاساسەن ئوقۇ-ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر