تۈرك تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ياۋروپادا كۆرۈلۈش نىسبىتى جەھەتتە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ

مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى نابى ئاۋجى تۈرك تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ ياۋروپادا كۆرۈلۈش نىسبىتى جەھەتتە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

637988
تۈرك تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ياۋروپادا كۆرۈلۈش نىسبىتى جەھەتتە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى نابى ئاۋجى، تۈرك تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى كۆرۈش نىسبىتىنىڭ ياۋروپادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئاۋجى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «15 يىل ئىلگىرى پەقەت 9 يەرلىك فىلىم قويۇلغان بولسا، ھازىر بۇ سان 139 غا يەتتى.»

ئىستانبۇلدا فىلىم ئىشلىگۈچىلەر بىلەن كۆرۈشكەن نابى ئاۋجى، تۈركىيەدە كىنو ساھەسىنىڭ يېقىن مەزگىللەردە كۆرىنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «بۇ يىل كىنوخانىلارغا كىرگەن 55 مىليون كۆرۈرمەننىڭ 30 مىليونى يەرلىك فىلىم كۆردى. يەرلىك فىلىم كۆرۈش جەھەتتە ياۋروپا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىمىز. يېقىن يىللاردا نۇرغۇن فىلىمىمىز خەلقئارا كىنو فېستىۋاللىرىدا مۇكاپاتقا ئېرىشتى.»

بۇ يىل كىنو ساھەسىگە 28 مىليون 500مىڭ تۈرك لىراسى بېرىلگەنلىكىنى، كېلەر يىلى بۇ ساھەگە 40 مىليون لىرا ئاجرىتىلغانلىقىنىمۇ ئېيتقان مىنىستىر ئاۋجى، بولۇپمۇ ياشلارنىڭ لايىھەلىرىنى، تۇنجى فىلىمىنى ئىشلىگۈچىلەرنى، كارتون فىلىم ۋە قىسقا فىلىم ئىشلىگۈچى سەنئەتچىلەرنى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر