كارلوۋنىڭ جەسىتى مۇراسىم بىلەن موسكۋاغا ئەۋەتىلدى

ئەنقەرەدە سۇيىقەستكە ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلغان رۇسىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئاندرېي كارلوۋنىڭ جەسىتى موسكۋاغا ئەۋەتىلدى.

634757
كارلوۋنىڭ جەسىتى مۇراسىم بىلەن موسكۋاغا ئەۋەتىلدى
gözaltı.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە ئەلچىسى كارلوۋنىڭ جەسىتى ئەنقەرە ئەسەنبوغا ئايرودۇرۇمىدا مۇراسىم بىلەن موسكۋاغا ئەۋەتىلدى. سۈرىيە مەسىلىسى بويىچە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن موسكۋاغا كەلگەن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ موسكۋا ۋنۇكوۋو ئايرودۇرۇمىدا باش ئەلچى كارلوۋنىڭ جەسىتى قويۇلغان ئايروپىلاننىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇردى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ كارلوۋنىڭ ئايالى ۋە ئانىسىغا تەزىيە بىلدۈردى.  ئەنقەرە ئەسەنبوغا ئايرودۇرۇمىدا كارلوۋنىڭ جەسىتىنى ئەۋەتىش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمغا، ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن مۇئاۋىن باش مىنىستىر تۇغرۇل تۈركەش، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇ، مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەت يىلدىز، چەت دۆلەتلەرنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى، كارلوۋنىڭ ئايالى ۋە ئوغلى قاتناشتى. مۇراسىمدا قىلىنغان سۆزلەردىن كېيىن، كارلوۋنىڭ جەسىتى ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئايروپىلانغا قويۇلدى.

كارلوۋنىڭ جەسىتىنى دەپنە قىلىش مۇراسىمى جۈمە (23-دېكابىر) كۈنى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر