ت ر ت دا ئۇيغۇر ۋە تاتارلارنى «تېررورچى» دېگەن پىروگراممىنى كۆرۈپ باقتىڭىزمۇ؟

تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى (ت ر ت) نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا، ئانتاليانىڭ ساياھەتچىلىك رايونى بەلەكتە 4-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق مېدىيا-ئاخبارات تەربىيەلەش كۇرسى باشلاندى.

615363
ت ر ت دا ئۇيغۇر ۋە تاتارلارنى «تېررورچى» دېگەن پىروگراممىنى كۆرۈپ باقتىڭىزمۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى (ت ر ت) 4-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق مېدىيا-ئاخبارات تەربىيەلەش كۇرسى 21-نويابىر (دۈشەنبە) ئانتاليا شەھىرىنىڭ بەلەك ساياھەتچىلىك رايونىغا جايلاشقان «زەينەپ» مېھمانخانىسىدا رەسمىي باشلاندى. كۇرسقا 44 دۆلەتتىن كەلگەن 130 ژۇرنالىست ۋە مۇخبىر قاتناشتى. ت ر ت باش مۇدىرى شەنول گۆكا كۇرسنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، 15-ئىيۇل ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ھەرىكىتى توغرىسىدا توختالدى. ئۇ: «بۇنداق ۋەھشىيلىك بۇ مىللەتنىڭ تارىخىدا ھېچقاچان كۆرۈلۈپ باقمىدى. دېمەك، ئىنسانلار ئاسمىلاتسىيە قىلىنسا ياكى ئۆز كىملىكلىرىنى يوقاتسا، قورقۇنچلىق مەخلۇققا ئايلىنىدىكەن. شۇڭا، ئۆز دۆلىتىڭلاردا ۋەتىنى ۋە خەلقى بولمىغان بۇ كىشىلەردىن يىراق تۇرۇپ، ھوشىيار بولۇڭلار. ئۇلارنى تۈرك ياكى تۈركىيەلىك دەپ ئويلىماڭلار، چۈنكى ئۇلاردا بۇنداق ھېسسىيات يوق» دېدى.

ئۇ، بۇ نۆۋەتلىك كۇرستا مۇخبىر ۋە ژۇرنالىستلارنىڭ ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇپ ۋە دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ھەمكارلىقلىرىنى كۈچەيتىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى. ئۇ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ «دۇنيا بەشتىن چوڭ» دېگەن سۆزىنى خاتىرىلەتتى ۋە تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ دۇنيانىڭ پەقەت بەش دۆلەتتىنلا ئىبارەت ئەمەسلىكى چۈشەنچىسى بويىچە ھەرىكەت قىلىپ، مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

رادىيومىزنىڭ قازاقچە بۆلۈمى مۇخبىرىنىڭ ئېيتىشىچە، شەنول گۆكانىڭ سۆزى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، قازاقىستان ئالماتا تېلېۋىزىيەسىنىڭ مۇخبىرى ئۇيغۇر ۋە تاتارلار توغرىسىدا مۇنداق سوئال سورىغان:

«قازاقىستان رۇسىيە بىلەن خىتايدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتنىڭ ئارىسىغا جايلاشقان دۆلەت. مەن رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان <ئىبرەت> ناملىق پىروگراممىدا، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ تەشكىلاتلىرىنى شۇنداقلا قىرىم تاتارلىرىنى <تېررورچى> ياكى «تېررورلۇق تەشكىلات> دەپ ئاتاش توغرىسىدا يوليورۇق كېلىدۇ. مەن بۇنداق دېيىشنى رەت قىلىمەن. ت ر ت قاناللىرى ئۇيغۇر ۋە تاتارلارنى <تېررورچى> دەپ ئاتامدۇ؟»

ت ر ت باش مۇدىرى شەنول گۆكا قازاقىستانلىق مۇخبىردىن: «سىز ت ر ت قاناللىرىدا ئۇيغۇر تۈركلىرى ياكى تاتار تۈركلىرىنى <تېررورچى> دەپ ئاتىغان پىروگراممىلارنى كۆردىڭىزمۇ ياكى ئاڭلىدىڭىزمۇ؟» دەپ سورىغان. قازاقىستانلىق مۇخبىر، «ياق، ئاڭلىمىدىم» دېگەندىن كېيىن: «ئەلۋەتتە، ئاڭلىمىدىڭىز، بۇندىن كېيىنمۇ ئاڭلىمايسىز، ئۇنداق ئىش يوق» دەپ جاۋاب بەرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر