تۈرك تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ۋە كىنولىرى بۇ يىلمۇ كۆپ سېتىلىدۇ

خەلقئارا تېلېۋېزىيە سانائىتىنىڭ ئەڭ چوڭ بازىرى ھېسابلىنىدىغان MIPCOM 2016  كۆرگەزمىسى فىرانسىيەنىڭ كەن شەھىرىدە باشلاندى.

592188
تۈرك تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ۋە كىنولىرى بۇ يىلمۇ كۆپ سېتىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  102 دۆلەتتە قويۇلۇپ، رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىغان تۈرك تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ۋە كىنولىرى كۆرگەزمىگە مۆھۈرىنى باستى.

ئىستانبۇل سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى ئىبراھىم چاغلار بىرلەشمىگە ئائىت 62 كىۋادرات مېتىرلىق ساھەدە ئېچىلغان كۆرگەزمىدە قىلغان سۆزىدە، «كۆرگەزمىدە تۈركىيەدە ئىشلەنگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ۋە كىنولار ھەردائىمقىغا ئوخشاشلا بۇ يىلمۇ ناھايتى كۆپ سېتىلىدۇ. دەرۋەقە، تۈركىيەدە ئىشلەنگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ۋە كىنولار يېقىندىن بۇيان دۇنيانىڭ يۈرىكىدە تەخت قۇرماقتا. تۈركىيەدە ھەر ھەپتە ئوتتۇرىچە 50 ئەتراپىدا تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئىشلىنىدۇ، ئىشلەش ئۈچۈن ناھايتى كۆپ چىقىم كېتىدىغان بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى بىر ياكى بىر يېرىم سائەتلىكتۇر» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر