بىلىم شاھى ئالىيا ئىززەتبېگوۋىچ ۋاپاتىنىڭ 13-يىللىقىدا خاتىرىلەندى

بىلىم شاھى بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى ئالىيا ئىززەتبېگوۋىچ ۋاپاتىنىڭ 13-يىللىقىدا ئىستانبۇلدا خاتىرىلەندى.

592894
بىلىم شاھى ئالىيا ئىززەتبېگوۋىچ ۋاپاتىنىڭ 13-يىللىقىدا خاتىرىلەندى

بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنانىڭ تۇنجى پىرېزىدېنتى ئالىيا ئىززەتبېگوۋىچنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 13-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

ئىستانبۇل شەھەرلىك ھۆكۈمىتى مەدەنىيەت  ئىشلىرى باشقارمىسى مەدەنىي پائالىيەت مۇدىرلىقى بىلەن تۈركىيە يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئىستانبۇل شۆبىسى قاتارلىق ئورۇنلار ھەمكارلىشىپ قىزىلارئاغاسى مەدرەسىسىدە بىلىم شاھى ئالىيا ئىززەبېگوۋىچنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

«ۋاپاتىنىڭ 13-يىللىقىدا بىلىم شاھى ئالىيا ئىززەتبېگوۋىچ» ناملىق خاتىرىلەش پائالىيىتىگە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ سابىق ئىستانبۇل پارلامېنت ئەزاسى ھۈسەيىن كانسۇ قاتارلىق رەھبەرلەر ئىشتىراك قىلدى.

پائالىيەتتە سۆز قىلغان كانسۇ ئىززەتبېگوۋىچنىڭ تۇرمۇش سەرگۈزەشتىلىرىنى يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا بايان قىلدى. پائالىيەتكە قاتناشقان باشقا مەسئۇللارمۇ ئالىيا ئىززەتبېگوۋىچ توغرۇلۇق ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى.

ئۇنداقتا ئالىيا ئىززەتبېگوۋىچ كىم؟

ياشلىق يىللىرىدا بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنادىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى ئىدى. كوممۇنىست يۇگوسلاۋىيە دەۋىرىدە ئىسلامچىلىق بىلەن ئەيىبلىنىپ 4 يىل تۇرمىدا ياتتى. 1983-يىلى ئېلان  قىلغان ئىسلام خىتابنامىسى ناملىق ئەسىرى سەۋەبلىك 14 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. بىراق بۇ قېتىم 5 يىل  تۇرمىدا ياتتى. تۇرمىدىن چىققاندىن كېيىن بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنا ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىدە دېموكراتىك ھەرىكەت پارتىيەسى نامىدا بىر پارتىيە قۇرۇپ چىقتى، بۇ پارتىيە بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنادا 1990-يىلى دېكابىردا ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي سايلاملىرىدا ئۇتۇپ چىققاندا ئالىيا ئىززەتبېگوۋىچ پىرېزىدېنت بولۇپ سايلاندى. 1992-يىلى بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنا مۇستەقىللىققە ئېرىشكەندىن كېيىن  مەيدانغا كەلگەن سىرپ ئىشغالىيىتىدىمۇ مەملىكىتىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنا پىرېزىدېنتى ئالىيا ئىززەتبېگوۋىچ 2003-يىلى 19-ئۆكتەبىردە ۋاپات بولدى. ئۇنىڭغا بىلىمىنىڭ چوڭقۇرلۇقى سەۋەبىدىن «بىىلم شاھى»دېگەن ئۇنۋان بېرىلدى.  ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنا مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر