«دۇنيادا مەكتەپتە ئوقۇيالمىغان 3 مىليون 700 مىڭ كۆچمەن بالا بار»

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئالىي كومىتېتى دۇنيا مىقياسىدا مەكتەپتە ئوقۇيالمىغان 3 مىليون 700 مىڭ كۆچمەن بالىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

571609
«دۇنيادا مەكتەپتە ئوقۇيالمىغان 3 مىليون 700 مىڭ كۆچمەن بالا بار»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىتېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۇنيادىكى كۆچمەن بالىلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى مەكتەپتە ئوقۇيالمايدىكەن، مەكتەپتە ئوقۇيالىغانلارنىڭ پەقەت % 1 تىلا باشلانغۇچ مەكتەپتىن كېيىن ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرالايدىكەن.

بالىلارغا تېخىمۇ ياخشى كېلەچەك يارىتىپ بېرىدىغان مائارىپ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈنمەيۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ب د ت بۇنداق كېتىۋەرسە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ كۆچمەن بالىلارنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتىمۇ ئوقۇيالمايدىغان ئەھۋالنىڭ شەكىللىنىپ قالىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا. دۇنيا مىقياسىدا 50 مىليون بالىنىڭ يۇرتىدىن يىراقتا ئىكەنلىكىنى، ھەر ئىككى كۆچمەندىن بىرىنىڭ 18 ياشتىن تۆۋەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر