دوغان «خەلقئارا بېتخوۋېن مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى

ئەنقەرە دۆلەت ئوپېرا ۋە بالېت سەنئەتچىسى، يۇقىرى ئاۋازلىق ناخشىچى ئاردا دوغان «خەلقئارا بېتخوۋىن مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى.

553752
دوغان «خەلقئارا بېتخوۋېن مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت ئوپېرا ۋە بالېت ئۇسسۇلى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 13 – ئاۋغۇستتا «2016 – يىللىق ياۋروپا مۇزىكا ئاكادېمىيەسى» تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىنىڭ ئەڭ يۇقىرى مۇكاپاتى بولغان «بېتخوۋېن مۇكاپاتى» يۇقىرى ئاۋازلىق ناخشىچى ئاردا دوغانغا بېرىلدى.

چېخىيە (چېخ) جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى پراگدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە، ياۋروپا مۇزىكا ئاكادېمىيەسى «بېتخوۋېن مۇكاپاتى» نى  دۇنيانىڭ داڭلىق ئوپېرا مۇدىرلىرى ۋە رىژېسسورلىرى باھالاپ بېكىتتى.

يۇقىرى ئاۋازلىق ناخشىچى ئاردا دوغان، 2016 -2017  - يىللىق ئوركېستىرالىق ئۈچ كونسېرت ئۈچۈن چېخىيە جۇمھۇرىيىتىگە تەكلىپ قىلىندى.

دوغان، «ھوفمان مەسەللىرى» ئوپېراسىدا ھوفماننىڭ رولىنى، «لا بوھېم» ئوپېراسىدا رودولفو رۇلىنى ئالغان ھالدا ئەنقەرەلىك سەنئەتسۆيەلەر بىلەن دىدارلىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر