خەلقئارالىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم فوندى 69 دۆلەتتە ئىپتار ۋە سوھۇر چېدىرلىرىنى قۇرماقتا
خەلقئارالىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم فوندى بۇ يىل رامىزان پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە قانات يايدۇرماقتا.
516094
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەمئىيەت جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلىتى ئېكۋادوردىن ئاسىيا دۆلىتى تايلاندقىچە، جەنۇبىي ئافرىقا جمھۇرىيىتىدىن بىرمىغىچە 69 دۆلەتتە ئىپتار ۋە سوھۇر چېدىرلىرىنى قۇرماقتا، چېدىرلارغا كېلەلمىگەنلەرگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەشيالىرىنى تارقىتىپ بەرمەكتە. فوندىنىڭ بۇ يىلقى رامىزان ئۈچۈن ئاجراتقان مەبلىغى 70 مىليون لىراغا يېتىدۇ. بۇ مەبلەغنىڭ بىر قىسمى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇرۇشلار ياكى ئاپەتلەر سەۋەبىدىن ئاتا – ئانىسىدىن يېتىم قالغان بالىلارنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلماقتا.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
مەۋلۇت قەندىلى بۈگۈن ئىدراك قىلىنىدۇ
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دۇنياغا كەلگەن كۈن بولغان مەۋلۇت قەندىلى بۈگۈن ئىدراك قىلىنىدۇ.