تۈركىيە ئەسكەرلىرى كوسوۋۇ خەلقىگە ئىپتار زىياپىتى بەردى

كوسوۋۇدىكى ناتونىڭ تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان تۈركىيە ئەسكەرلىرى، ھەر يىلىدىكىگە ئوخشاش بۇ يىلمۇ كوسوۋۇ خەلقىگە ئىپتار بەردى.

512691
تۈركىيە ئەسكەرلىرى كوسوۋۇ خەلقىگە ئىپتار زىياپىتى بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كوسوۋۇ پرىزرېندىكى سۇلتان مۇرات بازىسىدا 16 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئىپتار زىياپىتى بېرىلدى. ئىپتارغا، كوسوۋۇ مەمۇرىي باشقۇرۇش مىنىستىرى ماھىر ياغجىلار، مۇھىت ۋە شەھەر پىلانلاش مىنىستىرى فەرىد ئاگانى، دۆلەت مىنىستىرى راسىم دەمىرى، تۈركىيەنىڭ پرىشتىنەدىكى باش ئەلچىسى كىۋىلجىم قىلىچ، تۈركىيەنىڭ پرىزرېن باش كونسۇلى سەلەن ئەۋجىت، كوسوۋۇ پارلامېنتىنىڭ تۈرك، ئالبان، وشناق ۋە رومان قاتارلىق مىللەتلىرىدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرى، تۈركىيەنىڭ كوسوۋۇدىكى بەزى تەشكىلات ۋە ئورگانلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى.

ئىپتاردا سۆز قىلغان قوماندان سائىم باغجى رامىزان ئېيىنىڭ بىر – بىرى بىلەن ئورتاقلىشىش ئېيى ئىكەنلىكىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتتى. ئۇ: «دەرت – ئەلەملەرنى ئورتاقلاشقانسېرى ئازىيىدىغانلىقىنى بىلىمىز، سۆيگۈ – مۇھەببەت بولسا، ئورتاقلاشقانسېرى كۆپىيىدۇ. بىز بۈگۈن سۆيگۈ – مۇھەببىتىمىزنى، بىرلىكتە بولۇشنىڭ خۇشاللىقىنى ۋە ئورتاق مەقسىتىمىز بولغان كوسوۋۇنىڭ مۇقىملىقىغا تۆھپە قوشۇشنىڭ مەنىۋى ھۇزۇرىنى بۇ داستىخاندا بىللە ئورتاقلاشماقتىمىز» دېدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر