مۇغلادا 2500 يىللىق ئالتۇن ھالقا - ئۈزۈك تېپىلدى
مۇغلانىڭ مىلاس ناھىيەسىدە داۋاملىشىۋاتقان ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشلەر جەريانىدا 2500 يىللىق زىننەت ئەشيالىرى تېپىلدى.
501840
![مۇغلادا 2500 يىللىق ئالتۇن ھالقا - ئۈزۈك تېپىلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/1d88/1f08/4e5e/574e6cc5b6e7a.jpg?time=1719303665)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىلاس ئارخېئولوگىيە مۇزېيى ئىدارىسى خادىملىرى بەلەنتەپە رايونىدىكى قېزىش – تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى جەريانىدا بىر تارىخىي قەبرىنى تېپىپ چىقىپ، ئۇنىڭدىكى بىر ئايالغا تەۋە ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان ئىنسان سۆڭەكلىرىنى كۈن يۈزىگە چىقاردى. تەكشۈرۈش جەريانىدا ئۈستىگە ئىنسان يۈزى تەسۋىرى چۈشۈرۈلگەن ئىككى ئالتۇن ھالقا بىلەن بىر ئۈزۈك تېپىلدى.
يادىكارلىقلار مىلاس ئارخېئولوگىيە مۇزېيىغا قويۇلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![موسكۋادىكى تۈرك جامائىتى قۇربان ھېيتنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/8e6a/2853/0aaf/666fd7abbd4f1.jpg?time=1719303665)
موسكۋادىكى تۈرك جامائىتى قۇربان ھېيتنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى
رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادىكى تۈرك جامائىتى قۇربان ھېيتنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى.