تۈركىيە ئارمىيەسىمۇ بالىلار بايرىمىنى تەبرىكلەيدۇ

تۈركىيە ئارمىيەسى 23 – ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمىنى، بىر – بىرىدىن ياخشى بولغان ئۈچ دانە قىسقا فىلىم بىلەن تەبرىكلەيدۇ.

476296
تۈركىيە ئارمىيەسىمۇ بالىلار بايرىمىنى تەبرىكلەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قۇرۇقلۇق، ھاۋا ۋە دېڭىز ئارمىيەسى 23 – ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى ئۈچۈن ئۈچ دانە قىسقا فىلىم تەييارلىدى. فىلىملەر، ئارمىيە ئىچىدىكى خادىملار، سۆيگۈ ئۆيلىرى ۋە بالىلار باغچىسىدىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئىشلەندى. بۇ فىلىملەر بىلەن، 23 – ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمىنىڭ خۇشاللىقىنى بالىلار بىلەن تەڭ ئورتاقلىشىش ھەمدە تۈركىيە ئارمىيەسىگە رىشتىنى باغلىغان يېڭى ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرۈشكە تۆھپە قوشۇش مەقسەت قىلىندى.

قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى تەييارلىغان «ئەسكەر ئاكىمىزغا مەكتۇپلىرىمىز بار» ناملىق فىلىمدە، تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلغان ئەسكەر ئاكىلىرىغا مەكتۇپ يازغان كىچىك ئۆسمۈرلەرنىڭ خىياللىرى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇلىدۇ.

دېڭىز ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى تەييارلىغان «23 – ئاپرېل دېڭىزدا بايرام» ناملىق فىلىمدە بولسا، بالىلار ئەسكەر ۋە قوماندان بولىدۇ. بىر بالىنىڭ ئۆزىنى پاراخوت قوماندانى بولۇپ كۆرگەن چۈشى باش تېما قىلىنغان فىلىمدە، تۇنجى قېتىم تۈركىيە ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياساپ چىققان «ھەيبەلى ئادا»ئۇرۇش پاراخوتىمۇ ئورۇن ئالىدۇ.

ھاۋا ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى تەييارلىغان «چوڭ ئارزۇلار جاسارەت تەلەپ قىلىدۇ» ناملىق قىسقا فىلىمدە، «دېنىز» ئىسىملىك كىچىك قىزنىڭ «سولوتۈرك» ئەترىتىنى ئۇچۇرۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ. سولو تۈرك ماھارەت كۆرسىتىش ئايروپىلانلىرى كۆرسىتىلگەن فىلىمدە، كىچىك دوستلار ئايروپىلانلارغا قوماندانلىق قىلىدۇ.

بۇ قىسقا فىلىملەرنى تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ يۇتۇب (Youtube) تورىدىكى ئادرېسىدىن كۆرگىلى بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر