كىشىلىك ھوقۇق ۋە ھوقۇقتا باراۋەرلىك كومىتېتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىن تەستىقلانغان كىشىلىك ھوقۇق ۋە ھوقۇقتا باراۋەرلىك كومىتېتى قۇرۇش قانۇن تەكلىپى رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىندى.

474278
كىشىلىك ھوقۇق ۋە ھوقۇقتا باراۋەرلىك كومىتېتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قانۇن تەكلىپى ئارقىلىق ئايرىمچىلىق ۋە ناچار مۇئامىلە مەنئىي قىلىنىدۇ يەنى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ھۆرىيەتلىرىنى قوغداش ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىنىڭ سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈلىدۇ. بۇ دائىرىدە فوندى جەمئىيەتلەر، ئۇيۇشمىلار، پارتىيەلەر، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە كەسپىي ئورۇنلارمۇ پائالىيەتلىرىدە ئايرىمچىلىق قىلالمايدۇ. كومىتېت باشلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 11 ئەزادىن تەشكىل تاپىدۇ، كومىتېتنىڭ 8 ئەزاسى مىنىستىرلار كېڭىشى، 3 ئەزاسى جۇمھۇر رەئىس تەرىپىدىن تەيىنلىنىدۇ. بۇ كىشىلەردىن 7 سى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە كەسپىي ئورۇنلاردىن ياكى ئەزالىق ئىلتىماسى سۇنغانلار ئارىسىدىن تەيىنلىنىدۇ. ئىلتىماس سۇنىدىغانلار ۋە نامزات بولىدىغانلار باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسىگە بىلدۈرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر