82 يىل بۇرۇن بېسىلغان قۇرئان كەرىم قازاندا كۆرگەزمە قىلىنىدۇ

ياپونىيەدە 82 يىل بۇرۇن بېسىلغان قۇرئان كەرىم نۇسخىسى، رۇسىيەگە قاراشلىق تاتارىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيەتىنىڭ پايتەختى قازاندا كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.

474067
82 يىل بۇرۇن بېسىلغان قۇرئان كەرىم قازاندا كۆرگەزمە قىلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيەدە بېسىلغان ۋە مۇقاۋىسى تېرە بىلەن قاپلانغان، بەتلىرىنىڭ ئەتراپى ئالتۇن رەڭ بىلەن بېزەلگەن قۇرئان كەرىم نۇسخىسى قازاندىكى ئىسلام مەدەنىيەتى مۇزېيىدا كۆرگەزمىگە قويۇلىدۇ.

تاتارىستان بىلىملەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور مارات گىباتدىنوۋ توكيودا بېسىلغان قۇرئان كەرىم توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئۇ 1934 – يىلى توكيودا قۇرئان كەرىمدىن 500 دانە بېسىلىپ، مىسىر، ئافغانىستان ۋە ئىراق قاتارلىق 33 دۆلەتكە ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ بۇ قۇرئان كەرىملەرنى ئەينى ۋاقىتتا توكيودا ياشايدىغان تاتارلارنىڭ بېسىپ تارقاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ: «ئىسلامىيەتنى پۈتكۈل ياپونىيەگە يېيىش مەقسىتىدە، ئەينى ۋاقىتتىكى ياپونىيەنىڭ ئىمپېراتورىغىمۇ ھەدىيە قىلىنغان» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر