ئىسلامىي يادىكارلىقلار تالاشتۇرۇپ سېتىلىدۇ

ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا ئىسلامىي يادىكارلىقلار تالاشتۇرۇپ سېتىلىدۇ.

458723
ئىسلامىي يادىكارلىقلار تالاشتۇرۇپ سېتىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لوندون بونھامس باھا تالاشتۇرۇپ سېتىش ئۆيىدە 19 – ئاپرېلدا ئېلىپ ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان باھا تالاشتۇرۇپ سېتىش پائالىيىتىدە ئىسلامغا ۋە ھىندىستانغا ئائىت يادىكارلىقلار ئورۇن ئالىدۇ. دۇنيادا ئاز كۆرۈلىدىغان ئەينەك، چىنە خىش، خەت، تاش تىزما رەسىملەر، ھەيكەل، گېلەم ۋە توقۇمىچىلىق بۇيۇملىرىدىن تەركىپ تاپقان 315 ئەسەر سېتىشقا سۇنۇلىدۇ. بۇ قېتىمقى تالاشتۇرۇپ سېتىشتىن ئورۇن ئالغان كەئبە ۋە مەسجىدى ھەرەمنىڭ ئىزنىك چىنىسىگە چۈشۈرۈلگەن رەسىمىنىڭ باھاسى تەخمىنەن 60 مىڭ فوندستېرلىڭ بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، 19 – ئەسىردە قىزىل يېپەك رەختتىن ياسالغان ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى بايرىقىنىڭ باھاسى تەخمىنەن 30 – 40 مىڭ فوندستېرلىڭ بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر