ئايغا چىققان 6 - ئالەم ئۇچقۇچىسى ۋاپات بولدى

ھازىرغىچە ئايغا چىققان 12 ئالەم ئۇچقۇچىسىدىن بىرى بولغان ئامېرىكىلىق ئېدگەر مىچېل 85 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

428065
ئايغا چىققان 6 - ئالەم ئۇچقۇچىسى ۋاپات بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:

ھازىرغىچە ئايغا چىققان 12 ئالەم ئۇچقۇچىسىدىن بىرى بولغان ئامېرىكىلىق ئېدگەر مىچېل 85 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

1971 – يىلى ئاپوللو 14 – نومۇر بىلەن ئايغا چىققان ئالەم ئۇچقۇچىلىرىدىن بىرى بولغان مىچېلنىڭ ۋاپاتى ئۇنىڭ ئايغا چىققانلىقىنىڭ 45 – يىللىقىغا توغرا كەلدى.

ئاپوللو 14 – نومۇر بىلەن ئايغا چىقىش ئاپوللو 13 – نومۇرنىڭ ئايغا چىقىشى جەريانىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، بۈيۈك قىسمى پارچىلىنىپ، ئۇچقۇچى مىڭ تەسلىكتە قازادىن قۇتۇلۇپ قالغان سەپەر ئىدى، شۇنداقلا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 6 – قېتىملىق ئايغا چىقىشى ئىدى.

مىچېل دۇنيانىڭ سىرتىدىمۇ ياشىغىلى بولىدىغانلىقىنى بىراق بۇنى ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ يوشۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن، ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر