تۈركىيە – ياپونىيە دوستانە مۇناسىۋەتلىرى

ياپونىيە مەدەنىيەت ئىشلىرى ئىشخانىسى ئەنقەرەدە تۈركىيە – ياپونىيە دوستانە مۇناسىۋەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان پائالىيەت ئۆتكۈزدى.

142656
تۈركىيە – ياپونىيە دوستانە مۇناسىۋەتلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پائالىيەتتە، تۈركىيەدىكى تەلىم - تەربىيە ئىشلىرىنى قوللاش مەقسىتىدە «ئاپەتلەرنى ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا ئۇنۇتماسلىق» نىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.
ئەرتۇغرۇل ناملىق قوغدىغۇچى پاراخوت پاجىئەسى، تۈركىيە – ياپونىيە دوستانە مۇناسىۋەتلىرى ۋە ياپونلارنىڭ ئىراندىن قۇتۇلدۇرۇۋېىلىنىش ۋەقەسى ھېكايىلەر ئارقىلىق تونۇشتۇرۇلدى.
ئىگىلىنىشىچە، پائالىيەتلەر 11 – دېكابىر كۈنى قەيسەرىدە ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان مۇراسىم ئارقىلىق ئاخىرلىشىدىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر