100 مىليون ئادەم خىتايچە ئۆگەنمەكتە

دۇنيادا ئىقتىسادىي جەھەتتە 2 – ئورۇنغا ئۆتكەن خىتايغا نىسبەتەن دۇنيا مىقياسىدا قىزىقىشنىڭ ئېشىشى سەۋەبىدىن خىتايچە ئۆگىنىۋاتقان چەت ئەللىكلەرنىڭ سانى يېقىنقى 10 يىلدا تۆت ھەسسە كۆپىيىپ، 100 مىليونغا يەتتى.

140667
100 مىليون ئادەم خىتايچە ئۆگەنمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ كۇڭزى ئىنىستىتۇتى ئۆتكۈزگەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدىن نەقىل ئېلىپ بەرگەن بىر خەۋىرىدە، دۇنيادا خىتايچە ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ 100 مىليونغا يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
خىتاي مەدەنىيىتى ۋە خىتايچە ئۆگىتىشنى ئومۇملاشتۇرۇش مەقسىتىدە قۇرۇلغان كۇڭزى ئىنىستىتۇتىنىڭ سانى دۇنيا مىقياسىدا 475 ئىكەنلىكى ئېلان قىلىندى. 100 دىن ئارتۇق دۆلەتتە قۇرۇلغان كۇڭزى ئىنىستىتۇتىدا 200 مىڭ خىتاي تىلى ئوقۇتقۇچىسى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈلدى.
بېيجىڭ ھۆكۈمىتى، خىتايچىغا بولغان قىزىقىشنىڭ ئېشىشى ۋە بۇ ئېھتىياجنى قامداش ھەمدە باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئۆزئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن 2004 – يىلدىن باشلاپ چەت ئەللەردە كۇڭزى ئىنىستىتۇتىنى قۇرۇشقا باشلىدى. تۈركىيەدە بوغۇز ئىچى ئۇنىۋېرستېتى، ئوتتۇرا شەرق تېخنىكا ئۇنىۋېرستېتى ۋە ئوكان ئۇنىۋېرستېتى قاتارلىق ئۈچ ئۇنىۋېرستېتتا كۇڭزى ئىنىستىتۇتى بار.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر