ۋاشىنگتوندا تۈرك شامىلى

12 – نۆۋەتلىك تۈرك فېستىۋالىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلگەن ئامېرىكىلىقلار، تۈركىيەنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتىنى تونۇش، شۇنداقلا تۈرك يېمەكلىكلىرىدىن لەززەت ئېلىش پۇېرسىتىگە ئېرىشتى.

143347
ۋاشىنگتوندا تۈرك شامىلى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈرك – ئامېرىكان جەمئىيىتى ساھىبخانلىق قىلغان 12 – نۆۋەتلىك تۈرك فېستىۋالى ئاقسارايغا قوشنا ئەركىنلىك سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. تۈرك مۇزىكىسى ۋە خەلق سەنئەت نومۇرلىرى ئالقىشقا ئېرىشكەن فېستىۋال تۈركىيەنى تونۇتۇشقا ھەسسە قوشتى. ئامېرىكىدا ياشايدىغان تۈرك ياشلىرى ئىككى مەدەنىيەت ئارىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىدى. فېستىۋالدا تۈركىيە شىركەتلىرىمۇ ئۆزىنى تونۇشتۇردى. بولۇپمۇ، ئاياللارنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان تۈرك بازىرىدا ھالقا، قولدا توقۇلغان رەختلەر ۋە كوزا قاتارلىق قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى. فېستىۋالدا ئامېرىكىلىقلار تۈرك يېمەكلىكلىرىگە ئېغىز تەگدى. كاۋاپ، دۆنەر، قاتلىما ۋە تاتلىق تۈرۈملەر سېتىلغان كۆرگەزمە زالىنىڭ ئالدىدا ئۇزۇن ئۆچرەتلەر پەيدا بولدى.
تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سەردار قىلىچ فېستىۋالغا نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ قاتناشقانلىقىدىن خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ پائالىيەتنىڭ ئۆتكەن يىلى ئەڭ ياخشى فېستىۋال بولۇپ باھالانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ يىلمۇ ئوخشاش باھاغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر