قازان فوتوگراف كۆرگەزمىسى ئېچىلدى

تۈرك دۇنياسى 2014 – يىللىق «مەدەنىيەت پايتەختى» بولغان تاتارىستان پايتەختى قازاننىڭ مەدەنىيەت ۋە ئەنئەنىلىرى، ئالاھىدە تەييارلانغان فوتوگراف كۆرگەزمىسى بىلەن تونۇتۇلدى.

130113
قازان فوتوگراف كۆرگەزمىسى ئېچىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن كۆرگەزمىدە قازاننىڭ پۈتۈن گۈزەل مەنزىرىلىرى كۆزلەر ئالدىدا نامايەن قىلىندى. خەلقئارا تۈرك مەدەنىيىتى تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان پائالىيەتتە، فوتوگرافچىلارنىڭ 100 فوتوگرافى زىيارەتچىلەرنىڭ كۆرۈشىگە قويۇلدى. تاتارىستان خەلقىنىڭ ئەنئەنىلىرى، سەنئەت نومۇرلىرى، كىرەملىن ۋە سۈيۈمبىكە مۇنارى، قەدىمكى كوچىلار ۋە زامانىۋى خەلق مەيدانلىرى فوتوگرافلاردا ئەكس ئەتتۈرۈلدى.
قازان ھەققىدە نۇرغۇنلىغان ھېكايىلەرنى فوتوگرافلار بىلەن ئىستانبۇلغا ئېلىپ كەلگەن كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، تاتارىستان خەلق سەنئەت نومۇرلىرى كۆپ ئالقىشقا ئېرىشتى.
تاتارىستان مەدەنىيەت مىنىستىرى ئايرات سىباگاتۇللىن بۇ كۆرگەزمىنىڭ تاتار فوتوگرافچىلىرى تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى باشقا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ فوتوگرافچىلىرى تەرىپىدىن تارتىلغان، قازاننى شۇنداقلا تاتارىستاننى بايان قىلغان كۆرگەزمە بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بەزى شەيئىيلەرنى بىز ئۆزىمىزمۇ كۆرمەپتۇق. بۇ فوتوگراف ئۇستىلىرى ئۇ يەردە ياشاپ كۆرمىگەن نەرسىلىرىمىزنى بىزگە كۆرسەتتى» دېدى.
«2014 – يىللىق تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت پايتەختى قازان» ناملىق فوتوگراف كۆرگەزمىسى، 30 – سېنتەبىرگىچە دولماباغچا سەنئەت مۇزېيىدا ئېچىلىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر