بۇ يىل سرېبرېنىتسا قىرغىنچىلىقىنىڭ 19 يىللىقى
دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن كىشىلەر بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنادا سرېبرېنىتسا قىرغىنچىلىقىدا قۇربان بولغانلارنى خاتىرىلىمەكتە.
124479
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىن كەلگەن تەخمىنەن 5 مىڭ ئادەم سرېبرېنىتسادا قاچقان كىشىلەر ماڭغان «ئۆلۈم يولى» دا ئۇچراشتى. نەزۇك بازىرىدا توپلانغان مىڭلارچە ئادەم، مارش توۋلاپ يۈرۈشنى باشلىدى. ھەر يىلى يۈرۈشكە تۈركىيەدىنمۇ نۇرغۇنلىغان ئادەم قاتنىشىپ كەلمەكتە. يۈرۈشكە قاتناشقانلار ھەر كۈنى تەخمىنەن 35 كىلومېتىر يول يۈرىدۇ، كېچىلەردە بەلگىلەنگەن نۇقتىلاردا قونىدۇ.
بۇ يىلقى 10 – قېتىملىق «تىنچلىق يۈرۈشى»، 11 – ئىيۇل 175 قۇرباننىڭ مېيىت نامىزى ئوقۇلىدىغان ۋە يەرلىككە قويۇلىدىغان پوتوچارىدىكى خاتىرە سارىيىدا ئاخىرلىشىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![موسكۋادىكى تۈرك جامائىتى قۇربان ھېيتنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/8e6a/2853/0aaf/666fd7abbd4f1.jpg?time=1718898640)
موسكۋادىكى تۈرك جامائىتى قۇربان ھېيتنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى
رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادىكى تۈرك جامائىتى قۇربان ھېيتنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى.