بەرىكەت ئېيى رامىزان باشلاندى

11 ئاينىڭ سۇلتانى، رەھمەت ۋە بەرىكەت ئېيى بولغان رامىزان باشلاندى.

110351
 بەرىكەت ئېيى رامىزان باشلاندى


مۇسۇلمانلار تۈنجى تاراۋى نامازىنى ئوقۇدى ۋە تۈنجى زولۇققا قوپتى.
رەھمەت ۋە بەرىكەت ئېيى دەپ بىلىنىدىغان رامىزان ئېيىنى جوشقۇن كەيپىيات ئىچىدە قارشى ئالدى.
مۇسۇلمانلار تۈنجى تاراۋى نامازىنى ئوقۇش ئۈچۈن جامىلەرنى تولدۇردى.
پايتەخت ئەنقەرەدە خۇپتەن نامىزى ئەزانى بىلەن تەڭ نۇغۇنلىغان كىشى ھاجى بايرام ۋەلى ۋە كوجاتەپە جامىسىدە سەپ تۇتۇپ رامىزان ئېيىنىڭ تۈنجى تاراۋى نامىزىنى ئوقۇدى.
تاراۋى نامىزىنى تارىخىي جامىلەردە قىلىشنى خالىغان ئىستانبۇل پۇقرالىرىمۇ سۇلتان ئەھمەت، ئەييۇپ سۇلتان ۋە سۇلايمانىيە جامىلىرىنى تولدى.
سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشتىن قېچىپ كەلگەن سۈرىيە پۇقرالىرىمۇ رامىزان ئېيىنى قەھرىمانماراشتىكى چېدىر شەھىرىدە قارشى ئالدى.
بوسنىيە گرېتسىگوۋېنا، ماكېدونىيە، سېربىيە، قاراتاغ ۋە كوساۋادىكى مۇسۇلمانلارمۇ تۈنجى تاراۋى نامىزىنى ئوقۇش ئۈچۈن جامىلەرنى لىق تولدى. نۇرغۇنلىغان جايدا نامازغا كەلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ كۆپلىكىدىن جامائەت پاتماي جامى ھويلىسىدا ناماز ئوقۇدى.
تاراۋى نامىزىدىن كېيىن جامىدىن چىققان جامائەت بىر – بىرىنىڭ قوللىرىنى مەھكەم سېقىشقان ھالدا ئۆزئارا رامىزان ئېيىنى تەبرىكلەشتى.
يېرىم كېچىدە بولسا، كوچىلاردا داقا - دۇمباقلار چېلىنىپ كىشىلەر زولۇققا ئويغۇتىلدى.
ئىستانبۇلدا ئەييۇپ سۇلتان جامىسى ۋە ئەتراپى زولۇق ۋە بامدات نامىزى ئۈچۈن ئەڭ كۆپ كىشى كەلگەن جاي بولدى.
ئىستانبۇللۇقلار ئالاھىدە تەييارلاشقان تاماقلىرىنى يىنىدا ئېلىپ كېلىپ، جامى ھويلىسىدا يېقىن – يورۇقلىرى ۋە خوشنىلىرى بىلەن زولۇقىلىرىنى بىرلىكتە يىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر