دۇنيادىكى تارىخى ئەڭ ئۇزۇن ۋەسىيەتنامە تېپىلدى

تۈركىيە قەيسەرى شەھىرىنىڭ كۈلتەپە رايونىدىكى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشلەردە، 4000 يىللىق تارىخقا ئىگە ۋەسىيەتنامە تېپىلدى.

107919
دۇنيادىكى تارىخى ئەڭ ئۇزۇن ۋەسىيەتنامە تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمكى ۋەسىيەتنامە، ئانادولۇنىڭ ھەممىدىن بۇرۇن يېزىق بىلەن تونۇشقان جايى بولغان قەيسەرىنىڭ كۈلتەپە رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشلەردە تېپىلدى.
كۈلتەپە رايونىدىكى قەدىمكى قەبرىدە تېپىلغان بۇ ۋەسىيەتنامە، بىر تاشنىڭ ئۈستىگە يېزىلغان. ۋەسىيەتنامىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، بىر دادا ئۆلۈش ئالدىدا يېقىنلىرىغا مىراس سۈپىتىدە قەرز قالدۇرۇپ قويغان.
ئەڭ ئاز 4 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن بۇ ۋەسىيەتنامىدە، بىر دادا ئوغلىغا: «ئېشەكنىڭ ئىگىسىنى تېپىپ، كۈمۈش بەر» دېگەن مەزمۇندا ۋەسىيەت قالدۇرغان.
تەكشۈرۈشلەردە تېپىلغان مەزكۇر ۋەسىيەتنامە ۋە باشقا تارىخىي يادىكارلىقلار، كېلەر يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) مائارىپ، ئىلم – پەن ۋە مەدەنىيەت ئورگىنى (UNESCO) نىڭ تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر