تۈركىيە ئەڭ ياخشى 100 فىلىمنى تاللايدۇ

2014 – يىلى 1 – سېنتەبىرگىچە ئاكادېمىكلار، كەسىپ ئەھلىلىرى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن 500 فىلىم ئارىسىدىن تاللىنىدىغان 300 فىلىم خەلقنىڭ باھالىشىغا سۇنىلىدۇ.

84700
تۈركىيە ئەڭ ياخشى 100 فىلىمنى تاللايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 1914– يىلى سۈرەتكە ئېلىنغان ھۆججەتلىك فىلىم بىلەن تارىخىي سەپىرىنى باشلىغان تۈركىيە كىنوچىلىقى، بۇ يىل 100 ياشقا كىرگەنلىكىنى تەبرىكلەيدۇ.
مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرلىكى بۇ قۇتلۇق تەۋەللۇتنى خەلق بىلەن بىرلىكتە تەبرىكلەشنى قارار قىلدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاكادېمىكلار، كەسىپ ئەھلىلىرى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن 500 فىلىم ئارىسىدىن تاللىنىدىغان 300 فىلىم خەلقنىڭ بېلەت تاشلىشىغا سۇنىلىدۇ.
بېلەت تاشلاشنى خالىغانلار http://100yil100film.gov.tr ياكى http://www.yuzyilyuzfilm.gov.tr ئادرېسلىرىنى زىيارەت قىلسا بولىدۇ.
مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى ئۆمەر چەلىك يازما باياناتىدا: «ئارقىدا قالدۇرغان يۈز يىلدا نۇرغۇنلىغان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ۋە كىشىنى شەرەپكە ئىگە قىلىدىغان فىلىملەرنى بىزگە سوۋغا قىلغان تۈركىيە كىنوچىلىقىنىڭ ئەڭ ياخشى 100 فىلىمىنى خەلقىمىزنىڭ بېلەت تاشلىشى بىلەن بەلگىلەيمىز» دېدى.
ئۆمەر چەلىك باياناتىدا، بېلەت تاشلاشنىڭ 2014 – يىلى 1 – سېنتەبىرگىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى، باھالاش نەتىجىسىنىڭ مەخسۇس كېچىلىكتە ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر