ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى بەزى دۆلەتلەر گىرۇزىيە ئۈچۈن ۋىزا ئەركىنلىكىنى بىكار قىلىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ

گوللاندىيە، چېخىيە، ئېستونىيە ۋە شىۋېتسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بەزى دۆلەتلەر «چەت ئەلنىڭ تەسىرىگە قارىتا ئوچۇق – يورۇق بولۇش» قانۇنى سەۋەبىدىن گىرۇزىيە ئۈچۈن ۋىزا ئەركىنلىكىنى بىكار قىلىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ.

2142912
ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى بەزى دۆلەتلەر گىرۇزىيە ئۈچۈن ۋىزا ئەركىنلىكىنى بىكار قىلىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹Financial Times› گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گوللاندىيە، چېخىيە، ئېستونىيە ۋە شىۋېتسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بەزى دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرىغا تىبلىسقا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش تەكلىپى سۇنغان بولۇپ، بۇ تەكلىپلەر ئارىسىدا گىرۇزىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى مال – مۈلۈكلىرىنى توڭلىتىپ قويۇش ۋە «چەت ئەللىك جاسۇس» قانۇنىنى قوللايدىغان سىياسىيونلارغا قارىتا كىشىلىك ئېمبارگولارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقى 2017-يىلى گىرۇزىيە پۇقرالىرىغا ۋىزا ئېلىش رەسمىيىتىنى بىكار قىلغانىدى.

ياۋروپالىق بىر دىپلومات «‹Financial Times› گېزىتى» گە بەرگەن باياناتىدا، بەزى دۆلەتلەرنىڭ گىرۇزىيە پۇقرالىرىغا ۋىزا ئەركىنلىكىنى بىكار قىلىشنى قوللىمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن:

 «چوقۇم خاتا كىشىلەرنىڭ <ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلار تىزىملىكى> گە كىرگۈزۈلۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر