ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلىۋاتقان ھۇجۇمىغا قارشى نارازىلىق دولقۇنى كۈچەيمەكتە

ئامېرىكادا پەلەستىننى قوللاش ھەرىكىتى باشلىغان ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ قاتارىغا يېڭى جېرسىي ئىشتاتىدىكى رۇتگېرس ئۇنىۋېرسىتېتىمۇ قوشۇلدى.

2142763
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلىۋاتقان ھۇجۇمىغا قارشى نارازىلىق دولقۇنى كۈچەيمەكتە
cenevre universite filistin.jpg
fransa paris ens ogrenciler filistin.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇتگېرس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئىسرائىلىيەگە ھۇجۇم قىىلشنى توختىتىشنى چاقرىق قىلىش ئۈچۈن ئۇنۋېرسىتېت ھويلىسىغا چېدىر قۇردى.

شىۋېيېتسارىيەنىڭ زۇرىخ ئۇنىۋېرسىتېتىدىمۇ ئوقۇغۇچىلار ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىغا نارازىلىق بىلدۈرمەكتە. بىر گۇرۇپپا ئوقۇغۇچى غەززەگە قىلىنىۋاتقان ۋەھشىيانە ھۇجۇملارغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن جىم ئولتۇرۇۋېلىش نامايىشى قىلدى.

جەنۋەدىمۇ ئۇنىۋېرسىتېتتىكى پەلەستىننى قوللاش نامايىشىنى ساقچىلار قاتتىق قوللۇق بىلەن تارقىتىۋېتىشكە ئۇرۇندى. ساقچىلار نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن جايدا پەلەستىن بايرىقى ۋە لوزۇنكىلارنى مەجبۇرىي توپلىدى.

نامايىشقا فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولغان <ENS> نىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ قاتناشتى. ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ باغچىسىدا چېدىر قۇردى.

پارىژدا يەنە، ئىسرائىلىيەنىڭ قورال-ياراغ شىركەتلىرىنىڭ 17 - ئىيۇندىن 21 - ئىيۇنغىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارالىق ياۋروپا يەرمەنكىسىگە قاتنىشىشىنى توسۇشنى تەلەپ  قىلىپ نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.

ئۆكتىچى سىياسىيونلارمۇ قاتناشقان نامايىشتا، «غەززەدىكى قىرغىنچىلىقنى توختىتىڭلار» ۋە «بىزنى جىمىقتۇرالمايسىلەر!» دېگەن شوئارلار يېزىلغان لوزۇنكىلار ئېچىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر