ئەنگلىيەدە خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن ھەربىي خادىمنىڭ جەسىتى باغچىدىن تېپىلدى

خوڭكوڭ (خىتاي) دائىرىلىرى ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئەنگلىيە خان جەمەتى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ سابىق ئەزاسى شۇنداقلا ئىچكى ئىشلار ئىدارىسى كۆچمەنلەر ئىشخانىسىنىڭ خادىمى ماتېۋ ترىكېت (Matthew Trickett) باغچىدا ئۆلۈك ھالدا تېپىلدى.

2142806
ئەنگلىيەدە خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن ھەربىي خادىمنىڭ جەسىتى باغچىدىن تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت لوندوننىڭ مايدېنخېد بازىرىدا ئولتۇرۇشلۇق 37 ياشلىق مەتتېۋ ترىكېتنىڭ يەكشەنبە كۈنى (19-ماي) بازاردىكى گرېنفېل باغچىسىدا ئۆلۈك ھالدا تېپىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تامېس ۋادىسى رايونلۇق ساقچى ئىدارىسى ترىكېتنىڭ ئۆلۈش سەۋەبىنى جەسەت تەكشۈرۈشىدىن كېيىن مۇئەييەنلەشتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ترىكېت باغچىدا تېپىلغاندا جىددىي قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ شۇ مەيداندا ئاللبۇرۇن ئۆلگەنلىكى ئايدىڭلاشتى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى كۆچمەنلەر ئىشخانىسى ئەمەلدارى ترىكېت 2007 - يىلدىن 2013 - يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئەنگلىيە خان جەمەتى دېڭىز ئارمىيەسىدە ئالتە يىل ئەسكەر بولۈپ ۋەزىپە ئۆتىگەن ئىدى.

ترىكېتنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بىر خۇسۇسىي بىخەتەرلىك شىركىتىنىڭمۇ بارلىقى  ئېلان قىلىندى.

ئالدىنقى ھەپتە ترىكېت بىلەن بىرگە چى لېيۇڭۋەي ۋە چۇڭ بىيۇيۈەن ئىسىملىك ​​كىشىلەر، دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى دائىرىسىدە سوتقا تارتىلغان ۋە خوڭكوڭ ئىستىخباراتىغا ياردەم بېرىش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى.

سوتتا مەزكۇر  كىشىلەر 20-دېكابىر(2023) دىن 2 - ماي (2024) غىچە بولغان ئارىلىقتا «چەت ئەل ئىستىخبارات ئورگانلىرىغا پايدىلىق» ئۇچۇر توپلاش ۋە كۆزىتىش ئېلىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى.

گۇماندارلارنىڭ خوڭكوڭ ئىستىخباراتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئەنگلىيەدىكى «دېموكراتىيەنى قوللايدىغان ئۆكتىچىلەرنى مەخپىي كۆزەتكەنلىكى» ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.

گۇماندارلار جاسۇسلۇقتىن باشقا يەنە 1-مايدا ئەنگلىيەدىكى مەلۇم بىر جايغا «مەجبۇرىي بېسىپ كىرىش» بىلەنمۇ ئەيىبلەنگەن ئىدى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر