زاخاروۋا ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىنى ئەيىبلىدى

مارىيا زاخاروۋا پايتەخت موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن ھەپتىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېننىڭ ئىسرائىلىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا شەرق زىيارىتى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بەردى.

2135392
زاخاروۋا ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پەلەستىن تىنچلىق مۇساپىسىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا قانۇنلارنىڭ ئاساسلىرىنىڭ يىمىرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئېيتتى.

غەززەدە كىرىزىس باشلانغاندىن بۇيان ھەم خەلقئارا سەھنىدە ھەمدە ئايرىم ئۇچرىشىشلاردا، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىشنى قولغا كەلتۈرۈپ، غەززە خەلقىگە جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يەتكۈزۈپ بېرىشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن زاخاروۋا: «رايوندا يۈز بېرىۋاتقان پاجىئەلىك ۋەقەلەر ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ سىياسىي ئۇپۇقى ئېنىق بېكىتىلمەي تۇرۇپ، توقۇنۇش رايونىدا مەڭگۈلۈك تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى» دېدى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەرىكەتلىرىنى تەنقىدلەپ: «ئامېرىكا ۋەكىللىرى مەسخىرىلىك ھالەتتە پەلەستىن مەسىلىسىنىڭئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى ئاساسىدا ھەل قىلىش ۋەدىسىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.  ئۇلار يېقىنقى بىر قانچە يىلدا تىنچلىق مۇساپىسىنى پۈتۈنلەي تالان قىلىپ، پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ خەلقئارالىق قانۇنىي ئاساسىنى ۋەيران قىلغان تەرەپ ئەمەستەكلا ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. ئامېرىكانىڭ بۇ مەغلۇپ يۆنىلىشى نەتىجىسىدە ئوتتۇرا شەرقتە مىسلى كۆرۈلمىگەن پارتلاش يۈز بەردى» دېدى.

باياناتچى مارىيا زاخاروۋ، پەلەستىنلىكلەر بىلەن ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ۋە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارارلىرى رامكىسى ئىچىدە قايتىدىن ئومۇميۈزلۈك سىياسىي سۆھبەت باشلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «بۇ سۆھبەتلەر نەتىجىسىدە، 1967-يىلىدىكى چېگرالار ئىچىدە پايتەختى شەرقىي قۇددۇس بولغان، ئىسرائىلىيە بىلەن يانمۇيان، يارىشىپ ياشايدىغان مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇلۇشى كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر