ستولتېنبېرگ ئۇكرائىناغا بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەملەر ۋە ئۇنىڭ ناتو ئەزالىقى توغرىسىدا توختالدى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ ئۇكرائىناغا قورال يەتكۈزۈپ بېرىش سۈرئىتىنى تېزلىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى ۋە تېخىمۇ كۆپ ياردەملەرنىڭ يولدا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

2133666
ستولتېنبېرگ ئۇكرائىناغا بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەملەر ۋە ئۇنىڭ ناتو ئەزالىقى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېنس ستولتېنبېرگ ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي بىلەن پايتەخت كىيېۋدا ئۆتكۈزگەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ھەربىي ياردەملەرنىڭ كېچىكىپ كېتىشىنىڭ ئۇرۇش مەيدانىدا «ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى»غا ئىشارەت قىلىپ: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇدا بىر قانچە ئاي بويىچە بىر پىلان ئۈستىدە كېلىشىم ھاسىل قىلالمىدى. ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلارمۇ بىز ۋەدە قىلغان شەكىلدە ئوق دورا بىلەن تەمىنلىيەلمىدى» دېدى.

ئۇ ھەر قانداق ھەربىي ياردەمنىڭ كېچىكىشىنىڭ رۇسىيەنىڭ ئالدىنقى سەپتە ئىلگىرىلىشىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئەمما، ئۇكرائىنانىڭ غەلىبە قىلىشى ئۈچۈن ھېلىھەم كېيىن ئەمەس. تېخىمۇ كۆپ ياردەم يولدا» دېدى.

باش كاتىپ ستولتېنبېرگ قورال يەتكۈزۈپ بېرىش سۈرئىتىنى تېزلىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ: «بىز (قورال بىلەن) تەمىنلەشنى كېچىكتۈرۈشىمىزنىڭ ھايات-ماماتلىق مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ئۇكرائىناغا ھەربىي ياردەمنى ئاشۇرۇشقا قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن باش كاتىپ يېنس ستولتېنبېرگ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 60 مىليارد دوللارلىقتىن ئارتۇق ياردىمى ھەمدە ئەنگلىيە، گېرمانىيە ۋە گوللاندىيەنىڭ يېڭى ۋەدىلىرىنىمۇ قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى ۋە باشقا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭمۇ «يېقىندا يېڭى باياناتلارنى ئېلان قىلىشى»نى كۈتۈۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ستولتېنبېرگ «ئۇكرائىنانىڭ ئورنىنىڭ ناتو ئىكەنلىكى»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «نۆۋەتتىكى خىزمەتلىرىمىز سىلەرنى ناتوغا ئەزا بولۇشنىڭ قايتقىلى بولمايدىغان يولىغا باشلايدۇ، شۇنداق قىلىپ، ۋاقتى كەلگەندە، ئۇكرائىنا دەرھال ناتو ئەزاسى بولالايدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر