ئۇكرائىنا ئالدىمىزدىكى 100 كۈن ئىچىدە قىرىم كۆۋرۈكىنى پاچاقلاپ تاشلاشنى پىلانلىماقتا

ئەنگىلىيەنىڭ «The Sun» گېزىتى ئۇكرائىنانىڭ ئىيۇل ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قىرىم كۆۋرۈكىنى قاتتىق بومباردىمان قىلىش ئارقىلىق پاچاقلاپ تاشلىشى مۇمكىنلكىنى خەۋەر قىلدى.

2128233
ئۇكرائىنا ئالدىمىزدىكى 100 كۈن ئىچىدە قىرىم كۆۋرۈكىنى پاچاقلاپ تاشلاشنى پىلانلىماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، رۇسىيە تەرىپىدىن قانۇنسىز قوشۇۋېلىنغان قىرىم بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى بىردىنبىر باغلىنىش يولى بولغان بۇ كۆۋرۈكنى پاچاقلاپ تاشلاش ئۈچۈن ئۇكرائىنا قوراللىق قىسىملىرى <بوران سايە> ناملىق بومبا ئورالمىسى، تىزگىنەكلىك دېڭىز ئاپىراتلىرى ۋە F-16 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئىشلىتىشنى پىلانلىغان.

ئەنگىلىيەنىڭ «The Sun» گېزىتى ئۇكرائىنانىڭ نىشانغا زەربە بېرىشنى ۋە بۇ ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىنى غەربكە كۆرسىتىشنى خالايدىغانلىقىنى ھەمدە 100 كۈن ئىچىدە كۆۋرۈكنى ۋەيران قىلىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئۇكرائىنا قوراللىق قىسىملىرىنىڭ بىرىنچى ھۇجۇم نىشانى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي بۇلتۇر ئىيۇلدا ئۇكرائىنا دائىرىلىرىنىڭ بۇ كۆۋرۈكنى يوقۇتۇش تىرىشچانلىقىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى، چۈنكى بۇ كۆۋرۈكنىڭ قىرىمغا قورال توشۇشتا ئىشلىتىلىدىغان ئاساسلىق يول ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

زېلېنسكىي كىيېۋ دائىرىلىرىنىڭ قىرىم كۆۋرۈكىنى پاچاقلاپ تاشلاش ئۈچۈن قانۇنىي ۋە ئەخلاقىي ھەق - ھوقۇقى بارلىقىنى، بۇ ھوقۇقلارنى چوقۇم ئىشقا سالىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر