پاكىستاندا قاتتىق يامغۇر ۋە چاقماق سوقۇش سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 55 كە يەتتى

پاكىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئۆلكىلەردە يېقىنقى 4 كۈندىن بۇيان قاتتىق يامغۇر ۋە چاقماق سوقۇش سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 55 كە يەتتى.

2128127
پاكىستاندا قاتتىق يامغۇر ۋە چاقماق سوقۇش سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 55 كە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان تەبىئىي ئاپەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى مەسئۇللىرى پەنجاپ، بالۇچىستان ۋە خەيبەر پانتونخۋا قاتارلىق ئۆلكىلەردە قاتتىق يامغۇر ۋە چاقماق سەۋەبىدىن 55 كىشىنىڭجېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مەسئۇللار جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ بۇغداي ئورۇش جەريانىدا چاقماق سوقۇۋەتكەن دېھقانلار ئىكەنلىكى توغرۇلۇق ئۇچۇرلارنى ھەمبەھرلىدى.

باش مىنىستىر شاھباز شەرىف ئالاقىدار مەسئۇللارغا، يامغۇرنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان رايونلارغا جىددىي ياردەم قىلىش بۇيرۇقى چۈشۈردى.

يامغۇر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كەلكۈن ئاپىتىدە، نۇرغۇن ئۆيلەر زىيانغا ئۇچرىدى، ئۇل- ئەسلىھەلەرگىمۇ ئېغىر زىيان يەتتى.

پاكىستاندا 2022 - يىلىمۇ دۆلەتنىڭ ئۈچتىن بىرى سۇ ئاستىدا قالغان ۋە كەلكۈندە تەخمىنەن 2 مىڭ كىشى جېنىدىن ئايرىلىپ، 30 مىليارد دوللارغا يىقىن ماددىي زىيان كۆرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر