مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سامىھ شۈكرى ھەپتە ئاخىرىدا تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

2128385
مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سامىھ شۈكرى ھەپتە ئاخىرىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن تۈركىيەگە كېلىدىكەن.

شبكرى زىيارىتى دائىرىسىدە دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بىلەن بىر يەرگە جەم بولىدىكەن.

زىيارەتكە مۇناسىۋەتلىك تەپسىلاتلار ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئېلان قىلىنىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر