مېكسىكادا نامايىشچىلار پەلەستىننى ئازاد قىلىش چاقىرىقىدا بولدى

مېكسىكادا پەلەستىننى قوللاپ بىر يەرگە جەم بولغان نەچچە يۈزلىگەن نامايىشچى ئىسرائىلىيەنىڭ 7-ئۆكتەبىر (2023) دىن بۇيان غەززەگە قارىتا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ۋەھشىيانە ھۇجۇملىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

2127714
مېكسىكادا نامايىشچىلار پەلەستىننى ئازاد قىلىش چاقىرىقىدا بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېكسىكادا يۈزلىگەن نامايىشچى پايتەخت مېكسىكا شەھىرىدە «پەلەستىن ئۈچۈن بىر نۇر» نامىدا بىر يەرگە جەم بولۇپ، بايراق ۋە لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈشكەن ھالدا پىيادە يۈرۈدى ھەمدە پەلەستىننى قوللاپ شوئارلارنى توۋلىدى.

ئاق كېپەنلىك قورچاق بوۋاقلارنى ئېلىپ ماڭغان نامايىشچىلار توپى، غەززەدە دەرھال ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ۋەھشىيانە ھۇجۇملىرىنى تېزدىن توختىتىشنى تەلەپ قىلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ بومباردىمانلىرىدا قازا قىلغان تەخمىنەن 34 مىڭ پۇقرانىڭ كۆپىنچىسىنىڭ كىچىك بالىلار ۋە ئاياللار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن نامايىشچىلار، پەلەستىننى ئازاد قىلىشنى چاقىرىق قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر