كولومبىيەدە بىر ژۇرنالىست قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ قازا قىلدى

ژۇرنالىست جېم ۋاسكۇئېس كۇكۇتا شەھىرىدە بىر ماگېزىندا نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىش جەريانىدا قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.

2127786
كولومبىيەدە بىر ژۇرنالىست قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كولومبىيەنىڭ كۇكۇتا شەھىرىدە ژۇرنالىست جېم ۋاسكۇئېس قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.

دائىرىلەر ژۇرنالىست  جېم ۋاسكۇئېسنىڭ بەدىنىگە نۇرغۇن ئوق تەگكەنلىكىنى ۋە دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. قوراللىق ھۇجۇمدا يەنە بىر كىشىنىڭمۇ يارىلانغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

بىخەتەرلىك قىسىملىرى ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىرىنى تېپىش ئۈچۈن تەكشۈرۈش باشلىدى.

شىمالىي سانتاندېر ۋالىي مەھكىمىسى جىنايەت گۇماندارىنى تېپىشقا ياردەم بېرىدىغانلارغا 13 مىڭ دوللار مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

كولومبىيە پىرېزىدېنتى گۇستاۋ پېترو جېم ۋاسكېسنىڭ ئۆلۈمىدىن چوڭقۇر قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئەتراپلىق تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىمىز، ئۇنىڭ بىردىنبىر گۇناھى چىرىكلىك جىنايەتلىرىنى دوكلات قىلىش ئىدى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر