خىتاي شىمالىي كورېيە بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن يېڭى قەدەملەرنى تاشلىدى

خىتاي بىلەن شىمالىي كورېيە ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى قەدەملەر تاشلاندى.

2127809
خىتاي شىمالىي كورېيە بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن يېڭى قەدەملەرنى تاشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى جاۋ لىچى بىلەن ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئەتراپلىق مۇزاكىرەلەشتى.

شىمالىي كورېيە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى KCNA نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كىم جوڭئۇن جاۋ لىچى بىلەن پايتەخت پيوڭياڭدا كۆرۈشكەن.

كىم جوڭئۇن بىلەن جاۋ لىچى «دوستانە مۇناسىۋەتلەر» نى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى مۇزاكىرە قىلىشقان.

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن خىتاي بىلەن دۆلىتى ئوتتۇرىسىدا «ئەسىرلەردىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان دوستلۇق» نى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ «ئۆزگەرمەس» سىياسىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى جاۋ لىچى تۈنۈگۈن (14-ئاپرېل) شىمالىي كورېيە ئالىي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى رەئىسى چوي ريوڭخې بىلەن كۆرۈشكەن ھەمدە بۇنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان ئۆتكۈزۈلگەن ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇچرىشىش بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر