ئىران پارلامېنتى باشلىقى: ئىسرائىلىيەگە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار بىلەن ئۆچ ئېلىش ھۇجۇمى قىلدۇق

ئىران پارلامېنتى باشلىقى مۇھەممەد بەكىر كالىباف تۈنۈگۈن كەچتە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار بىلەن ئىسرائىلىيەگە قىلغان ھۇجۇمنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ (1-ئاپرېلدا) ئىراننىڭ كونسۇلخانىسىغا قىلغان ھۇجۇمىغا قايتۇرۇلغان جاۋاب ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

2127394
ئىران پارلامېنتى باشلىقى: ئىسرائىلىيەگە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار بىلەن ئۆچ ئېلىش ھۇجۇمى قىلدۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كالىباف ئىران پارلامېنتىدا پارلامېنت ئەزالىرىغا سۆزلىگەن نۇتىقىدا: «ئىسرائىلىيەگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەت بىزنىڭ دىپلوماتىك ۋاكالەتخانىلىرىمىزغا قىلىنغان ھۇجۇمغا قايتۇرۇلغان جاۋاب بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پىرىنسىپىغا ئۇيغۇندۇر» دېدى.

كالىباف ئەگەر ئىسرائىلىيە ياكى ئۇنى قوللاۋاتقان دۆلەتلەر «يەنە خاتالىق» سادىر قىلغان تەقدىردە، ئىراننىڭ تېخىمۇ كەسكىن جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر