ئامېرىكا: جىددىيچىلىك ئىراننىڭ مەنپەئەتىگىمۇ ئۇيغۇن ئەمەس
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى جىددىيچىلىكنىڭ كۈچىيىشىنىڭ ئىران، رايون ياكى دۇنيانىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
2126980
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ماتېۋ مىللېر كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ۋاشىنگتوننىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى جىددىيلىكنىڭ كۈچىيىپ كېتىش خەۋپىدىن قايغۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئىراننىڭ ئىسرائىلىيەگە قاراتقان تەھدىتىنىڭ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئامېرىكانىڭ بۇ تەھدىتلەرگە قارىتا ئىسرائىلىيەنى تولۇق قوللايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.