ۋاشىنگتون ئامېرىكادىمۇ رۇسىيەدىكىگە ئوخشاش ھۇجۇملارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا ئىكەن

ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) دىرېكتورى كرىستوفىر ۋراي ئامېرىكادىمۇ موسكۋادىكىگە ئوخشاش ھۇجۇملارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2127029
ۋاشىنگتون ئامېرىكادىمۇ رۇسىيەدىكىگە ئوخشاش ھۇجۇملارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا ئىكەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) دىرېكتورى كرىستوفىر ۋراي رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا 144 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان قوراللىق كونسېرت ھۇجۇمىدىن كېيىن، ئامېرىكادىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھۇجۇملارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋراي ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ كېلەر يىللىق خامچوت تەلىپى توغرىسىدا ئاۋام پالاتاسى كومىتېتىدا گۇۋاھلىق بەردى.

ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئامېرىكانى تېررورلۇقتىن قوغداش ئۈچۈن مەبلەغكە ئېھتىياجى بارلىقىنى بىلدۈرگەن ۋراي، 22-مارت موسكۋادا يۈز بەرگەن «كروكۇس شەھەرلىك ھۆكۈمەت» كونسېرت زالىدىكى ھۇجۇمدىن كېيىن: «بۇ يەردىمۇ خەلقكە ماسلىشىپ ھۇجۇم قىلىش ئېھتىماللىقى كۈنسېرى ئەندىشە پەيدا قىلماقتا» دېدى.

فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى دىرېكتورى ۋراي، ئىسرائىلىيەنىڭ 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان غەززە ھۇجۇملىرىنىڭمۇ ئامېرىكادا زوراۋانلىق خەۋپىنى ئاشۇرۇۋەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «شۇنىڭدىن كېيىن، بىز چەت ئەل تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئامېرىكالىقلار ۋە ئىتتىپاقداشلىرىمىزغا ھۇجۇم قىلىشقا چاقىرغانلىقىنى كۆردۇق» دېدى.

ئامېرىكاغا قارشى ھەرىكەت ئۆتكۈش چاقىرىقلىرىغا قۇلاق سالغان شەخسلەر ياكى كىچىك گۇرۇپپىلارنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ۋەقەلەردىن ئىلھاملىنىشىدىن «جىددىي ئەندىشە» ھېس قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ۋراي، بۇنىڭدىن باشقا خىتاي، رۇسىيە، ئىران ۋە شىمالىي كورېيەنىڭ تور ھۇجۇملىرىغا قارشى قوللىنىلىدىغان تەدبىرلەرگىمۇ مەبلەغ ئاجرىتىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر