شىۋېتسىيەدىكى بىر ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئىشتىن بوشاتقان ياغلىقلىق خىزمەتچىسىگە تۆلەم تۆلەيدۇ

شىۋېتسىيە ياغلىق ئارتقانلىقى ئۈچۈن ئىشتىن بوشىتىلغان ئاۋىياتسىيە شىركىتى خىزمەتچىسى بىر ئايالنىڭ «كەمسىتىشكە ئۇچرىغانلىقى»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شىركەتنى تەخمىنەن 14 مىڭ دوللار (150 مىڭ كرون) تۆلەم تۆلەشكە ھۆكۈم قىلدى.

2127032
شىۋېتسىيەدىكى بىر ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئىشتىن بوشاتقان ياغلىقلىق خىزمەتچىسىگە تۆلەم تۆلەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېتسىيە پارلامېنتىنىڭ كەمسىتىشكە قارشى ئىشلىرى ۋەكىلى لارس ئارخېننىيۇس يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «دىنىي سىمۋوللارنى چەكلەپ، بىر تۇتاش كىيىم-كېچەك سىياسىتى يولغا قويغان بىر ئاۋىياتسىيە شىركىتى، خىزمەت ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغان بولۇشىغا قارىماي، ياغلىق ئارتقانلىقى ئۈچۈن، ئىشتىن بوشىتىش ئارقىلىق كەمسىتىش پەيدا قىلدى» دېدى.

دىنىي بەلگىلەرنى چەكلەپ، بىر تۇتاش كىيىم-كېچەك بەلگىلىمىسىنى يولغا قويۇشنىڭ ياغلىقلىق ۋە ھىجابلىق مۇسۇلمان ئاياللارغا پاسسىپ تەسىرلەرنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئارخېننىيۇس: «ئەمگەك كۈچى بازىرىدىكى باراۋەرلىك دىنىي ئەركىنلىك ۋە خوجايىننىڭ مەنپەئەتى ئۆزئارا زىت بولماسلىقى لازىم. ئەگەر مۇشۇنداق بولغان تەقدىردە، دىن ئەركىنلىكى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىشى كېرەك» دېدى.

مەزكۇر ئايالنىڭ كەمسىتىشكە ئۇچرىغانلىقى ۋە ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئارخېننىيۇس، كەلگۈسىدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، مەزكۇر ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ناھەقچىلىككە ئۇچرىغان ئايالغا تەخمىنەن 14 مىڭ دوللار (150 مىڭ كرون) تۆلەم تۆلىشىگە قارار قىلىنغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

مەزكۇر ئايال 2023-يىلى كەمسىتىشكە ئۇچرىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش ئورگىنىغا ئەرز سۇنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر