چېكاگودا ساقچىلار 96 پاي ئوق بىلەن بىر كىشىنى ئۆلتۈردى

ئامېرىكانىڭ چېكاگو شەھىرىدە تۆت ساقچى بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقىمىغانلىقى ئۈچۈن توختاتقان قارا تەنلىك دېكستېر رېدى (Dexter Reed) نى، ئوتتۇرىدا چىققان ئېتىشىشتا 96 پاي ئوق بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈردى.

2126504
چېكاگودا ساقچىلار 96 پاي ئوق بىلەن بىر كىشىنى ئۆلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چېكاگو ساقچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تەكشۈرۈش ئىدارىسى(COPA)  ساقچىلارنىڭ قولىدىكى 21-مارت غەربىي گارفىلد باغچىسى (West Garfield Park) رايونىدا يۈز بەرگەن ۋە ئۆلۈم بىلەن ئاخىرلاشقان ئېتىشىش ۋەقەسىنىڭ سىن كۆرۈنۈشىنى ھەمبەھرلىدى.

سىن كۆرۈنۈشىگە قارىغاندا، ئاق رەڭلىك ئاپتوموبىلنى قورشىغان تۆت ساقچى، 26 ياشلىق رېدقا «ئىشىكنى ئاچ» دەپ ۋارقىرايدۇ ۋە ئارقىدىن بىر-بىرىگە ئېتىلغان ئوق ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ.

چېكاگو ساقچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ دەسلەپكى دوكلاتىدا، بىرىنچى بولۇپ قورالدىن ئوق چىقارغان كىشىنىڭ رېد ئىكەنلىكى قەيت قىلىنىدۇ. ئارقىدىن ساقچىلارنىڭ ئۇنىڭغا قارىتىپ ئوق چىقارغانلىقى ئەسكەرتىلسىمۇ، ئەمما جەمئىيەتكە ئاشكارىلانغان سىنلاردا بۇنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكى كۆرۈلدى.

دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان رېدنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى، ۋەقەدە بىر ساقچىنىڭ بىلىكىدىن يارىلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

چېكاگو ساقچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تەكشۈرۈش ئىدارىسى بۇ قېتمقى ۋەقەنى تەكشۈرۈپ، قارا تەنلىك گۇماندار ياشقا 41 سېكۇنتتا 96 پاي ئوق چىقارغان ساقچىلارنى، تەكشۈرۈش ئاخىرلاشقىچە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر