نېتانياھۇ: ھېچقانداق كۈچ رەفاھقا ھۇجۇم قىلىشىمىزنى توسىيالمايدۇ

ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ «دۇنيادا ھېچقانداق كۈچ» نىڭ تەخمىنەن 1.5 مىليون پەلەستىنلىك پاناھلىنىۋاتقان رەفاھ شەھىرىگە قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلىشنى توسىيالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2126380
نېتانياھۇ: ھېچقانداق كۈچ رەفاھقا ھۇجۇم قىلىشىمىزنى توسىيالمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرلىق ئىشىخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، نېتانياھۇ تېل خاشومېردىكى بىر ھەربىي بازىنى زىيارەت قىلغاندا، رەفاھقا قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدا سۆز قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، نېتانياھۇنىڭ ئىسىرائىلىيەنىڭ مەقسىتىنىڭ «ئەسىرلەرنى قۇتقۇزۇش، ھاماسنى يوقىتىش ۋە غەززەنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئىسىرائىلىيە ئۈچۈن تەھدىت پەيدا قىلماسلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئەسكەرتىلىشىچە، نېتانياھۇ ئامېرىكا قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەر ۋە خەلقئارالىق جەمئيەتلەر قارشى چىققان رەفاھقا قۇرۇقۇقتىن ھۇجۇم قىلىش مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ: «رەفاھنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ھاماسنىڭ بىرىگادىلىرىنى يوقىتىشنى ئاخىرلاشتۇرىمىز. دۇنيادا ھېچقانداق كۈچ بىزنى توسىيالمايدۇ» دېگەن.

نېتانياھۇ  رەفاھقا قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلىش ۋاقتىنىڭ بېكىتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر