ئىسىرائىلىيە 183 كۈندىن بۇيان غەززەگە ئۆلۈم ياغدۇرماقتا

7-ئۆكتەبىر (2023) دىن بۇيان جېنىدىن ئايرىلغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 33 مىڭ 200 دىن ئاشتى.

2125875
ئىسىرائىلىيە 183 كۈندىن بۇيان غەززەگە ئۆلۈم ياغدۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئسىرائىلىيە ئارمىيەسى تەخمىنەن تۆت ئايدىن بۇيان خانىۋەيران قىلغان خان يۇنۇستىن، «رەفاھقا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق قىلىش مەقسىتى» بىلەن چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئىسىرائىلىيەنىڭ ھۇجۇم قىلىشتىن ئىلگىرى ئۆزلىرى ياشىغان يۇرت-ماكانلىرىغا قايتقان پەلەستىنلىكلەر، كۆز ئالدىدىكى مەنزىرەگە ئىشىنەلمىدى.

غەززەدە يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئەسىر ئالماشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك سۆھبەتلەر داۋاملاشماقتا.

مىسىر تاراتقۇلىرى غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان سۆھبەتلەردە ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئەل قاھىرە نىيۇس قانىلىنىڭ مىسىر دىپلوماتىك مەنبەلىرىنى نەقىل قىلغان خەۋىرىدە، بارلىق تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا ئاساسىي نۇقتىلاردا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ۋە بىر قانچە كۈن ئىچىدە ئاخىرقى كېلىشىم ئۈچۈن  قاھىرەگە كېلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

پەلەستىن گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسىگە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىمۇ داۋاملاشماقتا.

ھاماسنىڭ قوراللىق قانىتى ئىززەددىن ئەل قەسسام بىرىگادىلىرى يەنە بىر قېتىم غەززەدە ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ تانكىلىرى پاچاقلاپ تاشلانغان ۋىدېئولارنى تارقاتتى.

ئىسىرائىلىيە لىۋاندىكى ھىزبۇللاھ نۇقتىلىرىغا توختىماي ھۇجۇم قىلماقتا.

ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىغا قىلغان ھۇجۇمىدا، ھىزبۇللاھنىڭ خىللانغان قىسمىنىڭ بىر قوماندانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ نەپەر ھىزبۇللاھ ئەزاسىنىڭ ئۆلگەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر