خىتاينىڭ ئىككى ھەربىي پاراخوتى ياپونىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلدى

خىتاينىڭ ئىككى دېڭىز ساھىلى مۇھاپىزەت پاراخوتىنىڭ شەرقىي دېڭىزدىكى تالاش-تارتىشلىق سېنكاكۇ تاقىم ئارىلى ئەتراپىدا ياپونىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

2125750
خىتاينىڭ ئىككى ھەربىي پاراخوتى ياپونىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوكىناۋا ئۆلكىسىگە قاراشلىق ناخا نەھىيەسىگە تەۋە 11 - رايون دېڭىز ساھىلى مۇھاپىزەت باش ئىشتابىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي پاراخوتلىرى ئۇتسۇرى ۋە مىنامى-كوجى ئارىلىغا يېقىنلىشىپ، رايوندا 31 سائەت تۇرغان ۋە ياپونىيە دېڭىز ساھىلى مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىدىن كېيىن قايتىپ كەتكەن.

دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى «NHK» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ قېتىمقى ۋەقە سېنكاكۇ ئەتراپىدا خىتاي ھەربىي ئۇنسۇرلىرىنىڭ ياپونىيە زېمىن تەۋەلىكىگە مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە 8 - قېتىم تاجاۋۇز قىلغانلىقى بولۇپ رۇيخەتكە ئېلىنغان.  

ياپونىيە «سېنكاكۇ»، خىتاي بولسا، «دياۋيۈ» دەپ ئاتايدىغان تاقىم ئارىلى خىتاينىڭ شەرقىي دېڭىزىغا ۋە ياپونىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىي دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، 5 ئارال ۋە 3 قىيالىقتىن تەركىب تاپقان شۇنداقلا ئىگىلىك ھوقۇقى ياپونىيەنىڭ قولىدا بولغان، ئەمما خىتاي ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كېلىۋاتقان  بۇ ئادەمسىز رايون ئۇزۇندىن جىددىي تالاش تارتىشلارغا سەۋەب بولۇپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر