باقىرى: كونسۇلخانىمىزغا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ ھەقىقىي جاۋابكارى ئامېرىكا...

ئىران ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى مۇھەممەد باقىرى، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىراننىڭ دەمەشىقتىكى كونسۇلخانىسىغا قىلغان ھۇجۇمىنىڭ ھەقىقىي جاۋابكارىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

2125642
باقىرى: كونسۇلخانىمىزغا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ ھەقىقىي جاۋابكارى ئامېرىكا...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەسنىم خەۋەر ئاگېنتلىقى، ئىران ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى باقىرىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيەگە قىلغان ھۇجۇمىدا ئۆلگەن ئىران ئىنقىلاب  مۇھاپىزەتچىلىرى قۇددۇس قىسىملىرى قوماندانى بىرىگادا كوماندىرى مۇھەممەد رىزا زاھىدىنىڭ دەپنە مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، زاھىدى ۋە ھەمراھلىقىدىكى ئىران ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ۋەيران بولۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىدىغانلىقىنى، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىنىڭ جاۋابسىز قالمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئىران ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى: «دەمەشىق ھۇجۇمىنىڭ ئاساسلىق جاۋابكارى ئامېرىكادۇر، ئۇ چوقۇم بۇنىڭ ھېسابىنى بېرىشى كېرەك» دېگەن.

ئىسرائىلىيە 1-ئاپرېل ئىراننىڭ دەمەشىقتىكى ئەلچىخانىسىنىڭ كونسۇلخانا بىناسىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى قىسىملىرىنىڭ ئىككى گېنېرالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە ئەسكىرىنى ئۆلتۈرگەن. ھۇجۇمدا يەنە سۈرىيە پۇقراسى ئالتە كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر