ئىسىرائىلىيە ئىرانغا ۋە ۋاكالەتچىلىرىگە تەھدىت سالدى

ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ ئىرانغا ۋە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى گۇرۇپپىلارغا، «كىم بىزگە زىيان سالسا ياكى زىيان سېلىشقا ئۇرۇنسا، بىزمۇ ئۇنىڭغا زىيان سالىمىز» دەپ تەھدىت سالدى.

2125183
ئىسىرائىلىيە ئىرانغا ۋە ۋاكالەتچىلىرىگە تەھدىت سالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرلىق ئىشخانىسى نېتانياھۇنىڭ بىخەتەرلىك كابېنتى يىغىنىدىن ئىلگىرى بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

نېتانياھۇ ئىراننىڭ يىللاردىن بۇيان بىۋاستە ياكى ۋاكالەتچىلىرى ئارقىلىق ئىسىرائىلىيەگە قارشى ھەرىكەت قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ، «بۇ سەۋەبتىن، ئىسىرائىلىيە ئىران ۋە ۋاكالەتچىلىرىگە قارشى ھۇجۇم قىلىدۇ» دېدى.

ئىسىرائىلىيە 1-ئاپرېل (2024) سۈرىيە پايتەختى دەمەشىقتىكى ئىران ئەلچىخانا بىناسىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغان ئىدى. ھۇجۇمدا، ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەت قىسمىنىڭ ئىككى گېنېرالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە ئىرانلىق ۋە ئالتە سۈرىيەلىك جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى.

ئىران ۋەقەدىن كېيىن تېز سۈرئەتتە ئۆچ ئالىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭغا ئامېرىكانىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى. تېل ئاۋىۋ بولسا، مەزكۇر ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى رەسمىي يوسۇندا ئۈستىگە ئالمىغان ئىدى.

ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسى دەمەشىقتىكى ئىران ئەلچىخانا بىناسى ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، «ھاۋا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش» ئۈچۈن زاپاس ئەسكەرلەرنى ۋەزىپىگە چاقىرغان ۋە دەم ئېلىۋاتقان ئەسكەرلەرنىڭ رۇخسەتلىرىنى بىكار قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر